
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇيمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى يۈەنيىچاڭ مەھەللىسىدە نەشپۈت كارخانىسىنىڭ ئىشچىلىرى نەشپۈتلەرنى ئايرىش، جىڭلاش، ئوراپ قاچىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ، كارخانىنىڭ زاكاز ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى يۈەنيىچاڭ مەھەللىسى ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئىشچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ۋە خىزمەت سورۇنلىرىنى دېزىنفىكسىيە قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، قاراشلىق رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. نۆۋەتتە قاراشلىق رايوندىكى تۆت نەشپۈت كارخانىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جېجياڭ، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتكەن نەشپۈت 100 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.