تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون بويىچە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋىرى): «2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12 دىن 29-كۈنى سائەت 11 گىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق سودا سارايلار، تاللا بازارلىرىنى تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولدى. گۈرۈچنىڭ ئامباردىكى زاپاس مىقدارى 913.33 توننا، ئۇننىڭ ئامباردىكى زاپاس مىقدارى 1082.9 توننا، ياغنىڭ ئامباردىكى زاپاس مىقدارى 936.01 توننا...» 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يوللىغان ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، توپ سېتىش بازارلىرىدىكى ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى، كۆكتات، تەييار يېمەكلىك، يۇيۇش، تازىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇپ، جايلاردىكى ئامبار زاپىسى، سېتىلىشى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەسقەر تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە «گۈرۈچ» «كۆك-تاق» «گۆش» باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاۋۋال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنى تەمىنلەش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، تۇخۇم، كۆكتات، گۆش قاتارلىق 17 خىل تاۋارنىڭ باھاسى، تەمىنلەش مىقدارى، زاپاس ساقلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئالدىن مۆلچەرلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە 210 نۇقتىلىق سودا ساراي، تاللا بازىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تاۋار كىرگۈزۈش، سېتىۋېلىش، ساقلاش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ئالتە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى سىچۈەن ئۆلكىسى، خەينەن ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، كۆكتات مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، كۆكتات يۆتكەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 3000 توننا ئەتراپىدا؛ شىنجاڭ شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1600 توننا ئەتراپىدا؛ سانجى شەھىرىدىكى شىنجاڭ چىفېڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى، كورلا شەھىرىگە جايلاشقان خەيباۋ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتى سودا شەھەرچىسىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 600 توننا ئەتراپىدا بولدى.

  كارخانىلارنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىقى تۆت چوڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىغا 4 مىليون 464 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، كۆكتات باھاسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە سودا ئىشلىرى سىستېمىسى «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى