تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

3-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يوق، يېڭىدىن بىر ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن بىر ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 52سى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 24ى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23ى، ئىلى ئوبلاستىدا 18ى، تۇرپان شەھىرىدە ئۈچى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا تۆتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۈچى؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسىدە ئىككىسى، بىڭتۇەن 12-شىسىدە ئۈچى، بىڭتۇەن 4-شىسىدە 10ى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 67سى بار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاغرىق مىسالىدىن ئۈچى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىنىڭ 22سى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بىرى تۇرپان شەھىرىدىن، 18ى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، ئۈچى سانجى ئوبلاستىدىن، ئۈچى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن، توققۇزى بىڭتۇەن 4-شىسىدىن، ئىككىسى بىڭتۇەن 6-شىسىدىن، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىن، ئۈچى بىڭتۇەن 8-شىسىدىن، ئىككىسى بىڭتۇەن 9-شىسىدىن، ئۈچى بىڭتۇەن 12-شىسىدىن ئىكەن.

  ھازىر، دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار بەش كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاغرىق مىسالىدىن ئىككىسى بار. نۆۋەتتە، 2295 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى