تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ «قەھرىمان دورىگەرلەر» ئەترىتىدە ئىككى شىنجاڭلىق يىگىت بار

چېڭ جىجۈن(سولدىن بىرىنچى) ۋە گو ياكې(سولدىن ئىككىنچى)نىڭ باشقا دورىگەرلەر بىلەن چۈشكەن كوللېكتىپ سۈرىتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى): ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:30دىن 2:00گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30دىن 6:00گىچە، دورىگەر چېڭ جىجۈن ۋە گو ياكې ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى.

  ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇلارنىڭ بىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى دوختۇرخانىسىدىن، يەنە بىرى شىخەنزە داشۆسى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى داۋالاش ئەترىتى بىلەن بىللە ۋۇخەنگە ياردەمگە كەلگەن ئىدى.

  فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە ئاساسەن، دوختۇرلار ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى كېسەلخانىلارنى بىر قېتىم تەكشۈرىدۇ، كېسەلخانىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق دوختۇر كۆرسەتمىسى يوللايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، تۈركۈم-تۈركۈم دورا ئىشلىتىش ئىلتىماسى بەس-بەستە دورىخانىغا يەتكۈزۈلىدۇ. چېڭ جىجۈن بىلەن گو ياكې دوختۇر كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان رايوندىكى ئاغرىقلار ئېھتىياجلىق دورىلارنى ئايرىپ چىقىدۇ.

  بۇ، دورا ئىشلىتىش ئىلتىماسىدىن دورىنىڭ ئامباردىن چىقىشى ۋە ئايرىلىشىغىچە بولغان جەرياندا، ھەربىر ئاغرىقنىڭ رېتسىپدا ئۇلارغا بېرىلگەن بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىنىڭ ئون نەچچە سىكونت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دورىگەر گو ياكې(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  پەقەت تۆت كۈن سەرپ قىلىپ، تۈز يەرگە بىر دورىخانا قۇرۇش

    «دەسلەپتە كەلگەن ۋاقتىمىزدا، قۇماندانلىق ئىشتابى بىزگە بىر رەت ئۆينى بېرىپ، بۇ سىلەرنىڭ بازاڭلار دېدى، قۇپقۇرۇق ئۆيگە قاراپ، بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالغان ئىدۇق. دورا تىزىدىغان جازىچۇ، دورا مۇندەرىجىسى بىلەن تىزىملىكچۇ، ھېچبولمىسا ئىشكاپ ئاچقۇچ بىلەن ئەتۋىركىدىن بىر نەچچىسى باردۇ، دەپ سورىغىنىمىزدا، كەچۈرۈڭلار، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، بىز تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان شارائىت پەقەت مۇشۇنچىلىك، دېگەن جاۋابقىلا ئېرىشتۇق. دورىخانىغا ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن ياردەم دورىلىرى تىزىلغان بولۇپ، دورىگەرلەر يۆتكەش ئىشچىسى، لايىھەلىگۈچى، پىروگرامما تۈزگۈچىگە ئايلانغانىدى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن دورىلارنى ئىسكىلاتقا يۆتكەشكە ياردەملىشىش، ئاندىن ئىشلىتىلىش قېتىم سانىغا، رايونلارنىڭ ئورنىغا ئاساسەن تىزىش، ماددىي ئەشيا تىزىملىكىنى چىقىرىش، ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئامباردا ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدۇق» دېدى گو ياكې.

    «ئالدى بىلەن توڭلاتقۇ زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇردۇق، چۈشەندۈرۈشى يوق بولغاچقا، ئۆزىمىز ئىزدەندۇق؛ دورىلارنىڭ ئايرىلىش خەرىتىسىنى سىزدۇق، كومپيۇتېردا سىزىلغان نۇسخىسى بولمىغاچقا، قولدا سىزىپ چىقتۇق، دەرۋەقە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن» دېدى چېڭ جىجۈن.

  تۆت كۈندىن كېيىن، فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دورىخانىسى پۈتتى.

  ئارقىدىن ئىش تەقسىملەندى، نۆۋەتچىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، دورىگەرلەر دورىخانىدا ئاغرىقلارغا رەسمىي مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىدى.

     «دورىگەرلەر ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدۇق، ئەتىگەن سائەت 8:00دىن كەچ سائەت 8:00گىچە، ھەر بىر نۆۋەتچىلىك ۋاقتى 12 سائەت بولدى، ئارىلىقتا تازىلىق ئۆيىگە بارماسلىق ئۈچۈن، كۆپىنچىمىز تۆت سائەت ئىچىدە بىر نەرسە يىمەيمىز، سۇ ئىچمەيمىز، ئادەتتە بىر كۈندە ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن ياكى ياتاققا قايتىپ كەلگەندە پۈتۈن بىر دېزىنفېكسىيە جەريانىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن خاتىرجەم بىر ۋاق تاماق يېيەلەيمىز. بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق تېببىي بايلىقلارنى زور دەرىجىدە تېجەش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىراشلىقتىن تاماق يېگۈدەك ۋاقىتمۇ چىقىرالمىغانلىقىمىزدىن بولدى» دېدى چېڭ جىجۈن.

  بىر مىنۇتتا تۆت ئاغرىققا دورا تەڭشەش، 2000 ئادەمنىڭ دورىسىنى خاتالىقسىز تەڭشەش

  دورىگەر گو ياكې. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

    «يېڭى مۇھىتقا كەلگەنىكەنمىز، تېز سۈرئەتتە دورىخانا ئەھۋالىغا پىششىق بولۇشىمىز كېرەك، شۇڭا ئالدىنقى ئىككى كۈندە دورىخانىغا كېلىپلا، دورىلارنىڭ تىزىلغان ئورنىنى يادلىدىم، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن دورىلارنىڭ ئايرىلىش خەرىتىسىنى بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق كۆرۈپ، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە دورىلارنى تېپىشنى ئويلىدىم» دېدى گو ياكې.

  كۆڭلىدە تەييارلىق بولسىمۇ، خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان چېڭ جىجۈن كۆز ئالدىدىكى كەڭرى مەيدانغا تەرتىپلىك تىزىلغان 1000دىن ئارتۇق كارىۋاتنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدى.

     «بىز ۋۇخەن كېتىڭ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا 800دىن ئارتۇق ئاغرىق بار ئىدى، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا توشۇپ، 2000گە يەتتى. ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان ۋاقىتلار يېتىپ كەلگەن ئىدى» دېدى چېڭ جىجۈن.

    نۆۋەتچى دورىگەر بولۇپ نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، ئۇلار تېزدىن ABC ئۈچ رايوندىكى جەمئىي 2000 ئاغرىققا كېرەكلىك بولغان دورىلارنى ئىستاتىستىكىلاپ چىقىشى، تېزدىن تەپسىلاتىنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ چىقىشى، بىر تەرەپتىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە سېلىشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دورا تەڭشىشى كېرەك ئىدى. ھەربىر قېتىم بىر قىسىم دورىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىسى ئالمىشىپ ئۆزئارا تەكشۈرۈپ، ھەربىر دورىنىڭ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ماس بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاغرىقنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرەتتى.

    «دورىگەرلەر بىر ئۈندىدار توپى قۇردۇق، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋۇخەنگە ياردەمگە كەلگەن 40 دورىگەر ئالاقە باغلاپ، ئارقا سەپتىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاغرىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇق» دېدى چېڭ جېجۈن.

    «ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا بىر سېسترا تېلېفون قىلىپ، بىر ئاغرىقنىڭ پۇتى يارىلانغانلىقىنى، يارا ئېغىزىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، تېتانۇس ئۇكۇلى ئۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى. ئەينى چاغدا دورىخانىدا بۇ دورا يوق ئىدى، مەن دەرھال توپتا ياردەم تەلەپ قىلدىم، جۇڭنەن دوختۇرخانىسىدىكى بىر دورىگەر دورىنى ناھايىتى تېزلا يەتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭغا 20 مىنۇتمۇ كەتمىدى» دېدى چېڭ جېجۈن.

  «ئىلگىرى دورىگەر ھەركۈنى 2000 ئاغرىققا يۈزلەنگەندە، جىددىي ۋاقىتلاردا بىر مىنۇتتا تۆت ئاغرىققا دورا تەييارلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ باققان، گەرچە تېز بولۇش تەلەپ قىلىنسىمۇ، بىراق بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ. بىز ھەركۈنى ھەرخىل ئاغرىقلارغا يۈزلىنىمىز، دورا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا بولسۇن ياكى دورا تارقىتىشتا بولسۇن، قىلچىلىك خاتالىق سادىر قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ماتېماتىكا سوئالى ئىشلىگەنگە ئوخشىمايدۇ، خاتا ئىشلەپ قالساق تۈزەتكىلى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەربىرى تىرىك جان، ھەربىر دورا ئاغرىقنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك»  دېدى گو ياكې.

چېڭ جىجۈن(سولدىن بىرىنچى) ۋە گو ياكې(سولدىن ئىككىنچى)نىڭ باشقا دورىگەرلەر بىلەن چۈشكەن كوللېكتىپ سۈرىتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چوقۇم دادام بىلەن بىر رومكىدىن ئىچىشىمەن

  يېقىندا، چېڭ جېجۈن دادىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتتە «مەن، ئاپاڭ، موماڭلار سېنىڭ غەلىبە بىلەن قايتىشىڭنى كۈتۈۋاتىمىز، سەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ، جەم بولۇش تامىقى يەيمىز. ساڭا دېسەم، مەن ئەڭ ياخشى ھاراقتىن ساقلاپ قويدۇم، ۋاقتى كەلگەندە دادا-بالا ئىككىمىز بىر رومكىدىن ئىچىشەيلى» دەپ يېزىلغان ئىدى.

    «دادام بەك قاتتىق قول ئادەم، كىچىكىمدىن تاكى چوڭ بولغۇچە بىز ناھايىتى ئاز پىكىرلىشەتتۇق، پەقەت ھېيت-بايراملاردىلا بىرگە ھاراق ئىچەتتۇق، بۇ قېتىم ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ گەپلەرنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقىچە ھېسسىياتتا بولدۇم. بۇ بىر نەچچە كۈندە جاۋاب خەت يېزىپ، ئاتا-ئانامغا بۇ بىر ئايدىكى ۋۇخەندىكى ئەھۋالىمنى سۆزلەپ بېرىشنى، شىنجاڭغا قايتقاندا دادام بىلەن بىر رومكىدىن ئىچىشىشكە تەقەززا ئىكەنلىكىمنى دېمەكچى بولۇۋاتىمەن» دېدى چېڭ جىجۈن.

    «خىزمەت قىلغاندا ھەممىمىز ئايرىش كىيىمى كىيمىز، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقايمىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن دورىگەرلەرنىڭ چىرايىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يېرىم كېچىدە، تۇڭجى داشۆسى قارىمىقىدىكى دۇڭفاڭ دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ دورىگىرى خۇاڭ گوشىننىڭ ۋاقتىنچە ئايرىلىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، خەتتە <غەلىبە قىلغاندا، 10 كىشىلىك دورىگەرلەر كوللېكتىپىمىزنىڭ ۋۇخەن داشۆسىگە كېلىپ يىڭخۇاگۈلى سەيلىسى قىلىشىغا ئىنتىزارمەن!> دەپتۇ، مەنمۇ شۇ كۈننىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشىگە ئىنتىزار» دېدى چېڭ جىجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ