تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خېجىڭدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسى 6400 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقاردى

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى خېجىڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمىنى جىددىي تىكمەكتە.

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن شىن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى خېجىڭ شۆبە شىركىتى 6400 يۈرۈش تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمى ئىشلەپچىقارغان.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى خېجىڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كىيىم تىكىش ماشىنىسى، جىيەك تۇتۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، ئۇچىسىغا خىزمەت كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقىۋالغان ئىشچىلار جىددىي ئىشلىدى، رەختلەر كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ يىڭنىسىدىن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلار ھەر بىر ھالقىنى ئەستايىدىل تاماملاپ، تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئىلگىرىكى يىللاردا يۈەنشياۋ بايرىمىدىن بۇرۇن ئىشچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلەتتى، بۇ يىل تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، بىز مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق، تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمى داۋالاشتا ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى بۇ كىيىمنى ئادەتتە مەھەللە كادىرلىرى، دەرۋازىۋەن ۋە تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلغۇچىلار كىيىدۇ، بۇ كىيىمنى كىيگەندىن كېيىن، تېرىنىڭ زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى خېجىڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن يۈەن.

  كارخانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ كەينىدە پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېز ماسلاشتۇرۇشى بار. خېجىڭ ناھىيەلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باش قوماندىلىق ئىشىتابى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، سودا-سانائەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى قىسقارتتى. ئالاقىدار تارماقلار يەنە خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى بازار، كەنت ۋە مەھەللىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، تىككۈچىلىك تەجرىبىسى بار ئاھالىلەرنى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئادەم ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتى خېجىڭ شۆبە شىركىتى تۇنجى تۈركۈمدە 6400 يۈرۈش تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە خىزمەت كىيىمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، مۆلچەر بويىچە، 2-تۈركۈمدىكى 6800 يۈرۈش كىيىم ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تاماملايدىكەن.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى