تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، جۇڭ جاۋفېڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا، تېببىي خادىملار ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ھەرىكەتچان CT ئاپپاراتى ئۆيىدە ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەپ سىناش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بۇ شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى فاڭساڭ CT ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى رېنتىگېن مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۈشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: CT رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈشتىكى ئالامەتلەر دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا كلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ئاساس قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئەمما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يۇقۇشچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا، تەكشۈرۈپ ئايرىش نەتىجىسىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، رادىيوئاكتىپ نۇردا تەكشۈرۈپ ئايرىش، ئۇچراشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، تېببىي خادىملار ۋە ئادەتتىكى ئاغرىقلارنىڭ يۇقۇملانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يۇقۇمنى نۇقتىلىق داۋالاش بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ قالغانىدى.
«ئىلگىرى CT ئاپپاراتى ئاساسلىقى ئۆي ئىچىگە جايلىشىدىغان بولۇپ، قىزىتما ئاغرىقلار ئادەم زىچ توپلاشقان رايونلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاسانلا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. فاڭساڭ CT ئۆي سىرتىغا مۇستەقىل جايلاشقان پۈتۈن گەۋدىلىك فاڭساڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمچىسى بولۇپ، بېزەش ۋە ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز، يېقىن ئەتراپتىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى رايونىغا ئورنىتىشقا بولىدۇ، تېز سۈرئەتتە قۇراشتۇرۇپ كىلىنىكىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى فاڭساڭدا ئاغرىق بىلەن دوختۇر ئۈچۈن قوش يول تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. فاڭساڭنىڭ ئىچكى قىسمى تەسۋىر كۆچۈرۈش ئۆيى ۋە مەشغۇلات ئۆيىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ئاغرىقلار قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن چىقىپ، پىيادە بىۋاسىتە مېڭىپ فاڭساڭ CT ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرتسە بولىدۇ، ئارىلىقى 100 مېتىردىن ئاشمايدۇ، باشقا رايونلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قىزىتما ئاغرىقلىرىنىڭ باشقا ئاغرىقلار ۋە تېببىي خادىملارنى گىرەلەشمە يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقلانغىلى، ئايرىپ داۋالاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق» دېدى ياڭ يۈشىن.
ياڭ يۈشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، فاڭساڭ CTنى ئىككى كۈن ئىچىدە قۇراشتۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بولىدىكەن(قۇراشتۇرۇشتىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىچە)، بۇنداق بولغاندا دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدىكەن؛ سەككىز سېكۇنتتا ئۆپكىنى سىكانېرلاش لايىھەسىنى تاماملىغىلى ھەمدە 5G تورى ئارقىلىق نەق شۇ ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇماتنى يوللاپ، دوختۇرنىڭ تەسۋىر سۈرىتىگە ئاساسەن يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتقىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتى تېزلىتىدىكەن.