تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تېلېفوندا 24 سائەت سىزنى قوغدايمەن»

  

تېلېفوندا توختىماي ئۇزاققىچە سۆزلىشىش سەۋەبىدىن، شۈ جۈندە قۇلاق غۇڭۇلداش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، ئۇ ئامالسىز يان تېلېفونىنىڭ قوبۇل قىلىش ئاۋازىنى ئۈنلۈك ئېچىۋېتىپ سۆزلەشتى. (2-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان)

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شۈ جۈن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىماقتا.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شۈ جۈن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، داۋالىنىپ ساقايغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىنى ئۇزاتماقتا.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى، شۈ جۈن خىزمەتدېشى بىلەن بىللە، داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە.

ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت خىزمەت قىلىدىغان شۈ جۈن بەزىدە بەك چارچاپ كەتسە، ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ بىردەم ئارام ئالىدۇ. (2-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان)

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(خەن لياڭ، چاۋ جىن خەۋىرى، فوتوسى): «شۈ مۇدىر، بۈگۈن بىر ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقىدۇ، يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز»،«شۈ مۇدىرمۇ؟ مەن سەل بىئارام بولۇۋاتىمەن، سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەن...» 2-ئاينىڭ 28–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جۈن قەدەملىرىنى تېزلىتىپ، ئايرىۋېتىلگەن ئاغرىقلار رايوندىكى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ئاغرىقنىڭ قېشىغا ماڭغاچ، يان تېلېفونىنىڭ قوبۇل قىلىش ئاۋازىنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

  ئۇنىڭ يان تېلېفون نومۇرى نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى قىلىپ بېكىتىلگەن بىر ئايدىن بۇيان، شۈ جۈنگە نىسبەتەن بىر كۈندە نەچچە يۈز قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىش نورمال ئىشقا ئايلاندى.

  «نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم، يېقىندىن بۇيان ھەمىشە تېلېفوندا سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، يان تېلېفوندا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى سىرتقا ئېچىۋەتسەم ئاندىن ئاڭلىيالايمەن» دېدى ماسكا تاقىۋالغان شۈ جۈن كۈچەپراق سۆزلەپ. ئۇنىڭ ئاۋازى بىر ئاز پۈتۈپ قالغانىدى.

  ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا كاماندىروپكىغا بارغان شۈ جۈن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتقاندا، ئايرودۇرۇمدىن ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى تۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەرقايسى تارماقلارنى تەشكىللەپ مانۋېر قىلدى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى تەڭشىدى، ئايرىۋېتىلىدىغان ئاغرىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەخسۇس كېسەلخانا رايونى تەييارلىدى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرۈش تەرتىپى، گۇمانىي ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش تەرتىپىنى تۈزۈپ چىقتى...

  1-ئاينىڭ 22-كۈنى، بۇ دوختۇرخانا جىددىي داۋالاش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى گۇمانلىق قىزىتما بىمارلىرىنى قوبۇل قىلدى، ئايرىۋېتىلگەن كېسەلخانا رايونى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلدى. شۈ جۈن يۇقۇم ئۇچۇرىنى تېخىمۇ راۋان قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى مەسلىھەت سوراش تېلېفونى قىلىپ بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «داۋالاش بۆلۈمى دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ يادرولۇق تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر خىزمەتنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك». شۈ جۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق ئەزالار مۇددەتتىن بۇرۇن «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ھالىتىگە كىردى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىن باشقا، داۋالاش بۆلۈمى يەنە دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاچقا، قەيەر ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ شۇ يەردە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان شۇ پەيتتە، شۈ جۈن ھاياجانلانغان ھالدا كۆزىگە ياش ئالدى.

  «گەرچە كېسەل رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا تۇرالمىساممۇ، 24 سائەت تېلېفوندا ھەر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىدىم، جىددىي مەسلىھەت سوراش، بالنىستقا كىرىش رەسمىيىتى ئۆتەشتىن تاكى ئاغرىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغۇچە بولغان جەرياندا، غەلىبە باھارىنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كەلدىم» دېدى شۈ جۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى