تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن «پىكىر» چىقاردى

يۇقۇمنىڭ مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى لىن، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر»نى چىقىرىپ، ئالاھىدە مەزگىلدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى، تولۇق پۇختىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيا جيەنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى تۆۋەن چەكنى تولۇق ساقلاش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېگى - تەكتىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى چىقىرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ياخشى «قوغدىغۇچىسى» بولدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، خەلق ئىشلىرى نازارىتى خىزمەت ئۇسۇلىنى پائال ياخشىلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)لارغا چۈشۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلىنى شۇ ئايدا تەستىقلاپ شۇ ئايدا تارقاتتى.

ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق بولسا، ئاۋۋال قۇتقۇزۇپ - ياردەم بېرىپ، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرسە بولىدۇ؛ مېيىپلەر «ئىككى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى» ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى ھەرقايسى جايلار ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ توردا قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ۋاقتىدا تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، باشقا رەسمىيەتلەرنى يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇنجى قېتىم ۋاقىتلىق ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن كىرىم مەنبەسى يوق، تۇرمۇش مەنبەسى يوق شەھەر - بازار ئاھالىلىرى ئائىلىسىنى تەكشۈرۈپ - تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەربىر كىشىگە ئېيىغا 450 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقاتتى. ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرى، ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزدى، ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىي 61 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە ماددىي بۇيۇم تارقاتتى.

ئاپتونوم رايون يەنە تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياشانغان تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن قارىغۇچىسىز قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قوغداش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇتقۇزۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى