تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ 1-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 13 ئەترەت ئەزاسى ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىردى

2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 13 ئەترەت ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىردى.

(خۇاڭ لياڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: «مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىمەن...» 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋۇخەندىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىدىن شيا يىڭ، خو فېي، ۋاڭ كەيجيې قاتارلىق 13 ئەترەت ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىردى.

«مەن ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىپ، ھاياتلىق سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىمەن.» 35 ياشلىق خو فېي شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسى نەپەس نېرۋا ئىچكى كېسەل بۆلۈمىنىڭ سېستراسى. ۋۇخەنگە بارغان كۈننىڭ ئەتىسى، مۇداپىئە كىيىمى كىيىش ۋاقتىنى تېجەش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋەتتى. ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىنىڭ CCU كېسەل رايونىدا، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرىدىغان بۇ مەيدان جەڭدە، پارتىيەگە كىرىشنى تاللاش مەسئۇلىيەتنى تاللىغانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشنى تاللىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.» شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى دۇڭ شۈنەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ 13 يولداش يۇقۇمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سىناق ئالدىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى، شۇنداقلا پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى، داۋالاش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى تەتقىق قىلغان ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ 13 يولداشنى كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئالتە دوختۇرخانىنىڭ تېببىي خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر ئاغرىقى، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، داۋالاش ئەترىتى دەرھال ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەسىس قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى.

دۇڭ شۈنەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 142 ئەترەت ئەزاسى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىللە يەتتە ئېغىر ئاغرىقلار رايونى ۋە ئىككى خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يۇقۇملۇقلۇقى تېخىمۇ كۈچلۈك، قۇتقۇزۇش - داۋالاش تېخىمۇ مۇرەككەپ خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارغا دۇچ كەلگەندە، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى باشتىن - ئاخىر ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئاپتۇ.

ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن شيا يىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىدا ICU ئىككىنچى كېسەل رايونىنىڭ سېستراسى بولۇپ، ئېغىر ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشتا مول تەجرىبىسى بار ئىدى، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى باشقا سېسترالارنى ئېلېكتىروكاردىيوگىرافىك كۆزەتكۈچ، نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارغا بەلغەم سۈمۈرۈش، قان ئېلىش قاتارلىق ئېغىر ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشتىكى تەپسىلىي مەشغۇلاتلارنى قولمۇقول ئۆگەتتى. «بىر تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، مەن ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولغان ئارزۇيۇم − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇم. بۇ، ماڭا غايەت زور جاسارەت بېغىشلاپ، مېنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىش ئەقىدەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى!» دېدى شيا يىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ يۈجىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى غايەت زور چاقىرىق كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى، «بىز داۋاملىق ياش ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەربىيەنى قوبۇل قىلىشىغا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى