تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا ئوبلاستى 5 مىليون يۈەن قىممىتىدە ئورگانىك كالا گۆشى ئىئانە قىلىپ، خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىدى

 

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ جېندۇڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خۇبېي ئۆلكىسىگە ئىئانە قىلغان 5 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئورگانىك كالا گۆشى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ئېغىزى ۋوگزالىدىن پويىزغا قاچىلىنىپ يولغا چىقتى.

  بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى ماسلاشتۇرۇش-تەييارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان بورتالا ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭ خۇيجۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۇبېي ئۆلكىسىگە ئىئانە قىلىنىدىغان ئورگانىك كالا گۆشى ۋەزىپىسىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئورۇنداش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار شىنجاڭ تيەنلەي چارۋىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ مال مەنبەسىنى تەشكىللىدى، بۇ شىركەت بىرىنچى ۋاقىتتا كەسپىي تايانچلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقاردى، سېخ ئىشچىلىرى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىشلىدى ھەمدە مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تاللاپ، ئايرىپ، ئوراپ قاچىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاتاۋ ئېغىزى ۋوگزالىدا قاچىلاپ تۇشۇش ۋاقتىدا پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى تېزدىن خۇبېي ئۆلكىسىگە يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بورتالا ئوبلاستىغا بېرىۋاتقان خالىس ياردىمى ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم <كۆۋرۈك>كە ئايلاندى. خۇبېي خەلقى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، بورتالا ئوبلاستى ياردەم بېرەلىگەنلىكىدىن، خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىغانلىقىدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ. پەقەت بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلبە قىلىمىز» دېدى شياڭ خۇيجۈەن.

  خۇبېي ئۆلكىسى بورتالا ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 20 يىلدىن بۇيان، كەسىپ، داۋالاش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق بورتالا ئوبلاستىغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، داۋالاش، مۇداپىئە سايمانلىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى