تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى ئوبلاستى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 200 مىڭ دانە ماسكا بازارغا سالدى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ چيەن خەۋىرى) شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سانجى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ماسكا بازارغا سالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، سانجى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بازارغا سالغان 200 مىڭ تال بىر قېتىملىق ماسكا ئىچىدە: ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 100 مىڭ تال تەڭشەپ تەقسىملىگەن، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، كەسپىلەر رايونى ئۆزلۈكىدىن 100 مىڭ تالغا يېقىن توپلىغان. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوبلاست بويىچە يەنە 10 مىڭ قۇر ئايرىش كىيىمى، 70 مىڭ دانە مۇداپىئە كىيىمى، 10 مىڭ دانە كۆز ئاسراش ئەينىكى، 200 مىڭ جۈپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پەلەي، 220 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 10 توننا ئىسپىرت بازارغا سالغان.

  بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان بىر قېتىملىق ماسكىنىڭ پايدىلىنىش باھاسى 2.5 يۈەن/تال بولۇپ، پايدىلىنىش باھاسىدىن ئاشقان قىسمىغا ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر تولۇقلىما بەرگەن، ھەر بىر ماسكىنىڭ تولۇقلىما پۇلى 1.5 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، پىرىنسىپ بويىچە ھەربىر ئادەم بىر قېتىمدا كۆپ بولغاندا ئۈچ تال سېتىۋالالايدىكەن.

  3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن تارتىپ، ئوبلاستتىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، كەسىپلەر رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابلىرى مەھەللە خادىملىرى ۋە بەلگىلەنگەن دورا دۇكىنىدىكى سېتىش خادىملىرىنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى نۇقتىسىدا سېتىشقا تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ماسكا ئېھتىياجىدىكى «جىددىيلىك»نى پەسەيتىدىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قېتىملىق ماسكا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوبلاستنىڭ بازارنى تەمىنلەش ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ھەم يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى