تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تۇنجى مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ يەنپىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ماددىي ئەشيا كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ئۈچ كېچە-كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن، شايار شېنۋېي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى سېتىۋالغان تۇنجى مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلەش ماشىنىسى شۇ كۈنى سەھەردە كۇچا شەھىرى گورەنخاۋ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مىكروبسىزلاندۇرۇش سېخىغا بىخەتەر يەتكۈزۈلدى ھەم ئۈسكۈنىلەر كېچىلەپ قۇراشتۇرۇلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جىددىي ھالدا ماتېرىيال تەييارلاش، گىرۋەك ئېتىش، بۆلۈپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئون نەچچە سائەت جىددىي سىناق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  «بىزنىڭ بۇ قېتىم سېتىۋالغىنىمىز يېرىم ئاپتوماتىك ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئۈسكۈنىلەر نورمال يۈرۈشكەندىن كېيىن، كۈنىگە 30 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە بىر يۈرۈش تولۇق ئاپتوماتىك بالىلار ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئىككى يۈرۈش تولۇق ئاپتوماتىك داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق. تۆت يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ماسكىنىڭ كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ. ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇشى ھەمدە ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك مۇلازىمەت قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ، ۋىلايەتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنى تەڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، <يۇقۇم>غا قارشى جەڭدە ئورتاق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ» دېدى شايار شېنۋېي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ چۈنخۇڭ.

  بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، ۋىلايەتنىڭ نۆۋەتتىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋىلايەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە قىس بولۇۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تاشقى ئالاقە، خام ئەشيا تەڭشەپ تەقسىملەش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئالدىدىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى. 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ماتېرىياللار كۇچا شەھىرىگە يەتكۈزۈلۈپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى