تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سىز بىلمەكچى بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى | قول يۇيغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

  پاكىز ئېقىن سۇدا قول يۇيۇش. ئەگەر تۇرۇبا سۈيى بولمىسا، داس، چۆگۈن قاتارلىقلارغا سۇ قويۇپ، سۇنى ئېقىۋاتقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىككى قولنى يۇيۇش كېرەك.

   قول يۇيۇش سوپۇنى ياكى سۇيۇقلۇقىدا قولنى ئۇۋۇلاپ يۇيۇش، تولۇق يۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   قولنىڭ ھەممە يېرىنى پاكىز يۇيۇش، جۈملىدىن ئالىقان، بارماق، قول دۈمبىسى، بارماق ئارىلىقى، تىرناق، بېغىشلارنى پاكىز يۇيۇش، يۇيۇش ۋاقتى 20 سېكۇنتتىن كەم بولماسلىق كېرەك.

  سوپۇن كۆپۈكىنى سۈزۈك سۇدا پاكىز يۇيۇش كېرەك. قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن پاكىز لۆڭگە ياكى بىر قېتىملىق قەغەز بىلەن سۈرتۈش كېرەك، قۇرۇتۇش ماشىنىسىدا قۇرۇتۇشقىمۇ بولىدۇ. قول يۇيۇش قۇلايسىز بولغاندا، تەركىبىدە ئېتىل ئالكوگول بولغان يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولنى تازىلىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى