تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈندىلىك ئۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5000 توننىغا يەتتى، شىنجاڭدىكى 100دىن ئارتۇق نۇقتىلىق ئاشلىق، ياغ كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 115 نۇقتىلىق ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، كۈندىلىك ئۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5000 توننىدىن ئاشقان، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مۇقىم ھالەتتە 600 توننىدىن ئاشقان، يەرلىك ئاشلىق، ياغ بازىرىدا ھازىر تەمىنلەش نورمال، باھا مۇقىم، زاپاس ئاشلىق يېتەرلىك، تەييار ئاشلىق، ياغ  تەمىناتى يېتەرلىك بولغان.

  شىنجاڭ ئاشلىق-ياغ پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىركەت 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 2- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ 50 ئىشچى -خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى زاۋۇتتا تۇرۇپ ئىشلەپ، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان. «ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ، ئىشخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى كۈنىگە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەن، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىدۇ.» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما شيەنخۇڭ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاشلىق، ياغ بازىرىدا قىسقا مۇددەتلىك تېز ئېشىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئاشلىق، ياغ كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى چىڭ تۇتۇشنى ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار كارخانىلارنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش، پۇل مۇئامىلە كرېدىتىنى قوللاش، خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇش، ئوراش-قاچىلاش، تەمىنلەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش، توشۇش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى ئاشلىق-ياغ مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا توشۇش، بېسىلىپ قالماسلىق، سېتىشنىڭ ئوڭاي بولۇشىغا، سېتىش رايونىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەڭشىگىلى بولىدىغان، تەمىنلىگىلى بولىدىغان، ئۆكسۈپ قالمايدىغان، تۈگەپ قالمايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  ھازىرغا قەدەر، يەرلىك زاپاس ئاشلىقنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جەمئىي 189 مىڭ 600 توننا بۇغداينى بازارغا سېلىپ، ھەر قايسى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئەسلى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى ھەمدە ئاشلىق، ياغنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش «يېشىل يولى»غا كىرگۈزۈپ، بانكا بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، 30 ئاشلىق، ياغ كارخانىسىنىڭ 436 مىليون يۈەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى