تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئىككى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

  ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 64كە يەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە ئىككى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.

  بۇ ئىككى ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يەتتى دەپ قارالدى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 64كە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن توققۇزى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى