تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى يوق. يېڭىدىن ئىككى ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئىككىلىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.
3-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 52سى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 24ى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23ى، ئىلى ئوبلاستىدا 18ى، تۇرپان شەھىرىدە ئۈچى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا تۆتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۈچى؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسىدە ئىككىسى، بىڭتۇەن 12-شىسىدە ئۈچى، بىڭتۇەن 4-شىسىدە 10ى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 64ى، ئۆلۈپ كەتكەن ئاغرىق مىسالىدىن ئۈچى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى ئىچىدە 19ى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بىرى تۇرپان شەھىرىدىن، 18ى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، ئۈچى سانجى ئوبلاستىدىن، ئۈچى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن، توققۇزى بىڭتۇەن 4-شىسىدىن، ئىككىسى بىڭتۇەن 6-شىسىدىن، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىن، ئىككىسى بىڭتۇەن 8-شىسىدىن، ئىككىسى بىڭتۇەن 9-شىسىدىن، ئۈچى بىڭتۇەن 12-شىسىدىن ئىكەن.
ھازىر دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار 9 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككىسى ئېغىر ئاغرىق مىسالى. نۆۋەتتە، 3137 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.