تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شيا خەۋىرى): مېيىپلەرگە چېتىشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئالتە ئايلىق ئۆي ئىجارە ھەققى كېمەيتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ۋاقتىنچە توختىتىلغان مېيىپ بالىلارغا توردا «بىرگە بىر» ئائىلىۋى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېتەكچىلىكى يولغا قويۇلدى، شەرتى توشىدىغان مېيىپلەر ئالدىن ئويلىشىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مالىيە نازارىتى يۇقۇم مەزگىلىدە شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى «ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون بويىچە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يۆلەش، قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مېيىپلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يار-يۆلەك بولۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىل ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ تەدبىرلەر ئاساسلىقى ئىمزالىنىپ بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى (مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئۆي-زېمىننى ئىجارىگە ئالغان مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ھەمدە مېيىپلەرنى يۆلەش خاراكتېرلىك (قوشۇمچە خاراكتېرلىك) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالتە ئايلىق مەيدان ئىجارە ھەققى كەچۈرۈپ قىلىنىپ، پۇقراۋى كەسىپ ئىگىلىرى (ئۆي ئىگىلىرى)نىڭ مېيىپلەر ئاپپاراتى ۋە مېيىپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىلھام بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2020-يىلىدىن باشلاپ، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان «ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما» ئۆلچىمى 20 يۈەن ئۆستۈرۈلدى، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 100 يۈەن، ئېغىر مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان پەرۋىش ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 100 يۈەن بولدى، جايلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلەرگە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى