تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خاتىرجەم داۋالىنىڭ، كەينىڭىزدە بىز بار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ، چاۋ جىن

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ئۆزلىرىگە مەدەت بەرمەكتە.

  2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى لى مىڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، جەمئىي 33 ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدۇق، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق تولۇق، داۋالاش ۋاقتىدا، قېلىپلاشقان بولۇپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى مۇۋاپىق بولدى، ھازىرغىچە قازا قىلغان ئاغرىق مىسالى يوق، يېنىك كېسەلدىن ئېغىر كېسەلگە ئۆزگەرگەن ئەھۋال كۆرۈلمىدى، 20 ئاغرىق ئارقا-ئارقىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.»

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىدە، بۇ دوختۇرخانا بىرىنچى سەپتىكى قۇتقۇزۇش-داۋالاش قوشۇنىنى كۈچلۈك سەپلىدى، 158 نەپەر تېببىي خادىم ئۈچ ئەترەتكە بۆلۈنۈپ، قاراتمىلىق ھالدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ھەر بىر ئەترەت كەسىپ، ئۇنۋانغا ئاساسەن سەرخىل بىرىكىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە يېڭى نوكلېئىك كىسلاتاسى رېئاكتىپى ئىشلىتىلدى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ.» لى مىڭ  مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا ئۈچ نەپەر تەكشۈرۈش خادىمىنى بىر تۇتاش مەخسۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، يۇقۇم كۆپ يۈز بەرگەندە، ھەر كۈنىدىكى تەكشۈرۈش سانى كۆپ بولغاچقا، ئۈچ نەپەر تەكشۈرگۈچى خادىم ئالمىشىپ ئىشلىدى، ھېرىپ كەتسە ئىشخانىدىكى ئورۇندۇقتىلا يېتىپ ئازراق مۈگدىۋالدى. رېنتگېن ۋە بىچاۋ بۆلۈمىگىمۇ ئەڭ كۈچلۈك كەسپىي قوشۇن سەپلەندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن.

  سېسترالار ئاغرىقلار بىلەن ئەڭ زىچ ئۇچرىشىدىغان توپ بولۇپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پەرۋىش تەجرىبىسى مول، يەنە SARS ۋە A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق يۇقۇم ئەمەلىي جېڭىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋىش خادىملىرىنى ئەۋەتتى. بۇ دوختۇرخانا تۇنجى بىماردىن باشلاپلا جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ،  ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  «55 نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار سۇنغان چىگىش ئاغرىق مىساللىرىغا يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، باھالاپ، ھۆكۈم قىلدى ۋە داۋالاش پىكرىنى بەردى، بىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشىدۇق.» لى مىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشىمىزدىكى سەۋەب بولسا، ئەمەلىيەتتە ياخشى كەسپىي ساپاغا ئىگە، كۆپ تەربىيە كۆرگەن، ئىستىلى ياخشى كوللېكتىپنىڭ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىدىندۇر، بىز داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەر بىر ئاغرىقنى داۋالايمىز.»

  داۋالاش خادىمىنىڭ كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ ئىچى ھورلىشىپ كەتكەنىدى. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تەمىنلىدى)

  2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى داۋالاش خادىملىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىنى داۋالىماقتا. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تەمىنلىدى)

  ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخىسىسلىرى ھەركۈنى شىنجاڭدىكى دوختۇرخانىلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىغا يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويىدۇ. (2-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)

  2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى نوكلىئېك كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

  2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى زىيانلىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

  2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دوختۇرخانا ھويلىسىغا دېزىنفېكسىيە دورىسى چاچماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئاشخانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار داۋالاش خادىملىرىغا ھەركۈنى ئوزۇقلۇق قىممىتى تەڭشەلگەن تاماقلارنى تەييارلايدۇ.

  2- ئاينىڭ 11- كۈنى، داۋالىنىپ ساقايغان ئاغرىقلار تېببىي خادىملار بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى