تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل رايونىدا مەيدىلەرگە چاپلانغان قىزىل چاپلاقلار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ تاۋ فوتوسى): 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى) خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇرلار ۋۇخەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل رايونىدا ئالدىراش بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەيدىسىگە چاپلانغان چاپلاق ئاغرىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «دوختۇر، مەيدىڭىزگە چاپلانغان قىزىل رەڭلىك «ئىشەنچ» دەپ يېزىلغان چاپلاق بەك چىرايلىق ئىكەن، يەنە بارمۇ؟ مېنىڭمۇ بىرنى چاپلىغۇم بار.» جاڭ فامىلىلىك بىر ئاغرىق داۋالاش ئەترىتى نەپەس يولى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ جۇڭخۇڭنى تارتىپ سورىدى.

  «بولىدۇ! مەندە يەنە ‹جاسارەت›، ‹قورقماسلىق›، ‹ئىشەنچ›، ‹ئۈمىد›، ‹قەيسەرلىك› دېگەن خەتلەر يېزىلغان چاپلاقلار بار، سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەندىن بىرنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ» جاڭ جۇڭخۇڭ شۇنداق دېدى. كەينىدىنلا، ئۇ خىزمەتدىشىنى ئىشخانىدىن بېسىپ چىقىرىلغان چاپلاقنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىشقا چاقىردى.

  «يېڭى كەلگەندە بەك چۈشكۈنلەشكەنىدىم، ھازىر كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ماڭا ‹ئۈمىد›نى چاپلاپ قويۇڭ!» دېدى ئاغرىق ليۇ شياۋخۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، مەن پۈتۈنلەي تۈگۈشۈپلا كەتتىم، دوختۇرلار ماڭا دائىم تەسەللىي بېرىپ، مېنىڭ كەيپىياتىمنى ياخشىلىشىمنى ئېيتتى، مەنمۇ ئۆز-ئۆزۈمگە ئۈمىد بېرىپ، كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشتىم، شۇنچە كۆپ داۋالاش خادىملىرى شۇنچە يىراقتىن بىزنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىمىز دەپ كەلگەن تۇرسا، مەن كۆپچىلىكنىڭ تارتقان جاپالىرىنى يەردە قويسام بولمايدۇ.»

  «ماڭىمۇ بىرنى چاپلاپ قويۇڭ، مەن ‹جاسارەت›نى چاپلايمەن.»

  «دوختۇر، ماڭا ‹قەيسەرلىك›نى چاپلاپ قويۇڭ.»

  ...

  ئۇزۇن ئۆتمەي، نۇرغۇن ئاغرىق ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ مەيدىسى، بېلىكىگە چاپلاقلار چاپلاندى، قىزىل تەگلىك سېرىق خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، بۇ قىزىل چاپلاقلار كېسەل رايونىدىكى «ئىللىق ئېقىم»غا ئايلاندى.

  ئاغرىق جاڭ شياۋچىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ‹قورقماسلىق› دېگەن چاپلاقنى چاپلاپ، ئۆزىنىڭ ۋەھىمە، كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ساغلام ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى، «ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان شۇ كۈنى مەن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ، توختىماي يىغلىدىم، تاماق يېگۈم كەلمىدى، ئۆيدىكىلەرمۇ تەسەللىي بەردى، دوختۇرلار ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، مەن <قورقماسلىق> دېگەن بۇ سۆزنى تاللىدىم، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەم مېنى سۆيىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەر بولغۇم بار.»

  شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى)نىڭ يېتەكچىسى، ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: «گەرچە كىچىككىنە قەغەز چاپلاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاغرىقلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ جىددىيلىك تۇيغۇسى ۋە بېسىم تۇيغۇسىنى پەسەيتىدۇ، بىز دەل مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، كۆپچىلىككە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن غەم قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىشىمىز كېرەك، ئۇلار ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى