تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

90-يىللاردا تۇغۇلغان تېببىي خادىم: بىرىنچى سەپكە بېرىپ جەڭ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىمەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى دەندەن خەۋىرى، فوتوسى): «ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان بولمايدۇ، پەقەت كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ. مەن بىر تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇپ، بىرىنچى سەپكە، خەلق ماڭا ئېھتىياجلىق بولغان جايغا بېرىشىم كېرەك...» يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۇچا شەھەرلىك دۇڭچېڭ ساناتورىيەسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى دەندەن بۇ ساناتورىيەنىڭ تېببىي خادىمى گۈلجامال ھېيتنىڭ ئۈندىداردا ئەۋەتكەن جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.

  گۈلجامال بۇ يىل 23 ياش، كەم سۆز، بويى ۋىجىكرەك، ئۆزى مۇلايىم، بۇلتۇر 3-ئايدا دۇڭچېڭ ساناتورىيەسىگە كەلگەن سېسترا قىز. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇڭچېڭ ساناتورىيەسى كۇچا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىندى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساناتورىيەدىكى 58 ياشانغان كىشى مەركەزلىك ھالدا كۇچا شەھىرى ۋۇجوۋ مېھمانخانىسىغا يۆتكەلدى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گۈلجامال «ئارقا سەپ»تە خىزمەت قىلىپ، ۋۇجوۋ مېھمانخانىسىدىكى ياشانغانلارغا كۈندىلىك تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى قىلدى.

  گۈلجامال ھەر كۈنى خەۋەر ۋە ئىدارىنىڭ خىزمەت ئۈندىدار توپىدىن كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك خەلق ساقچىلىرىنىڭ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە ئاتلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندى. تۈن كېچىدە ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمگەن بولسىمۇ، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن گۈلجامال زادىلا ئۇخلىيالمىدى ھەم كەسكىنلىك بىلەن بىر پارچە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يازدى.

    ساناتورىيەنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گۈلجامال ئارزۇسى بويىچە قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلدى. بىر گۈل ئېچىلسا، قالغان گۈللەرمۇ بەس-بەستە ئېچىلىدۇ، گۈلجامالنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ ساناتورىيەدىكى 41 تېببىي خادىم بەس-بەستە «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» يېزىپ، 18 تېببىي خادىم ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە باردى.

  قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىش «جەڭ قىلغان»غا ئوخشايتتى، گۈلجامال ئۇدا 28 كۈن باشقا تېببىي خادىملار بىلەن ئاممىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تاماق يەتكۈزۈش، ئەخلەت تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى. ھەر كۈنى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمى، پەلەي كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى، قالپاق تاقىدى، بۇلار يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ، دىمىق ھاۋا ئۇنى بىئارام قىلاتتى، ھەر كۈنى 14 سائەتكە يېقىن داۋاملىشىدىغان خىزمىتىنى تۈگىتىپ، مۇداپىئە كىيىمىنى سالغاندا، بەدىنى چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كېتەتتى، ماسكىنى ئالغاندا، يۈزىدە ماسكىنىڭ قاپارتما ئىزلىرى قالاتتى.

  قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، گۈلجامال ھەر كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى، ئاممىنى پەرۋىش قىلغاندا، ھەربىر ئاددىي مەشغۇلاتنىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلىدى.

  قالدۇرۇپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا ۋاڭ شىرەن ئىسىملىك يەتتە ياشلىق بىر بالا بولۇپ، سىچۇەندىن ئاتا-ئانىسى بىلەن كۇچاغا قايتىپ كەلگەن ئىدى، بىر كۈنى كەچتە، ۋاڭ شىرەننىڭ قورسىقى ئاغرىپ، يىغلاپ توختىمىدى، دەم ئېلىۋاتقان گۈلجامال دەرھال مۇداپىئە كىيىملىرىنى كىيىپ، دوختۇرنىڭ دىياگنوز قويۇشىغا ياردەملەشتى، يەنە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تەسەللىي بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتتى، دىياگنوز نەتىجىسىدە ۋاڭ شىرەننىڭ ئادەتتىكى زۇكام سەۋەبىدىن ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولغانلىقى ئېنىقلانغاندىلا، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.

  گۈلجامالنىڭ چىن دىلى بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ۋاڭ شىرەننىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەر كۈنى مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغان بولغاچقا، بىز ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىسەكمۇ، بىراق ئۇ جاپادىن باش تارتماي بىزگە ياردەم قىلدى، بىزگە مۇلازىمەت قىلدى، ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ئاق خالاتلىق پەرىشتە».

    «بىرىنچى سەپكە، ئەڭ جاپالىق جايغا باردى، گۈلجامالنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش روھى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ كېچە-كۈندۈز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولدى!» دېدى دۇڭچېڭ ساناتورىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ