تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى، سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن): 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 19 ئەتراپىدا، تەكشۈرگۈچى شەن لېي بىلەن جاڭ خەنۋېي تەجرىبىخانىنى ئاخىرقى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولۇپ چىقتى. خۇددى ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئىككىيلەننىڭ چىققاندىن كېيىنكى كۆپچىلىككە قىلغان تۇنجى سۆزى «بۈگۈن يەنە خۇش خەۋەر بار!» بولدى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاغرىق مىسالىنى بېكىتىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى (ئەسلىدىكى شىنجاڭ كۆمۈر كان باش دوختۇرخانىسى) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، بۇ دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش مەركىزى مولېكۇلا ئىرسىيەت بۆلۈمىنىڭ كەسپىي تايانچلىرى شەن لېي، جاڭ خەنۋېي ۋە ليۇ زىفېڭ قاتارلىق ئۈچ ياش «ئۈچ كىشىلىك ئۆمەك» تەشكىللەپ، ھەر كۈنى تەجرىبىخانىدا بىر نەچچە سائەت نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، «ۋىرۇسقا ئەڭ يېقىن ئادەم»لەرگە ئايلاندى.
«ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ خۇش خەۋەر بولۇشى بىزنى ئەڭ خۇش قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەر كۈنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەۋرىشكە ئازىيىپ ماڭدى، ئايرىم ۋاقىتلاردا ھەتتا ئەۋرىشكە ئەۋەتىلمىدى، بۈگۈنكى ئەۋرىشكە ئىنتايىن ئاز، مېنىڭچە بۇنىڭ ئۆزىلا بىر خۇش خەۋەر» دېدى جاڭ خەنۋېي.
نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانى خەتەرلىك بولۇپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسى بۆلىكى چوڭايتىش ئەسۋابى ئارقىلىق نەچچە مىليون ھەسسە چوڭايتىلغاندىن كېيىن، ئاندىن يالتىراق سىگنال ئارقىلىق تۇتۇۋېلىنىدۇ. شەن لېي مۇنداق دېدى: «ئازراقمۇ قورقمىدۇق دېگىنىمىز يالغان، قانداقلا بولمىسۇن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى بەك كۈچلۈك، لېكىن بىز ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدۇق، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز!»
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبىسىدە تەلەپ بويىچە ئىككى ئادەم ھەمكارلىشىپ مەشغۇلات قىلىدۇ ھەمدە 3-دەرىجىلىك مۇداپىئە يولغا قويۇلىدۇ، N95 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ماسكا، ئىككى قەۋەت پەلەي، مۇداپىئە كىيىمىنىڭ ئۈستىگە ئايرىش كىيىمى كىيىلىدۇ، كۆز قوغداش ئەينىكى ۋە نىقاب تاقاپ، رېزىنكە ئۆتۈك ۋە ئۆتۈك قېپى كىيىلىدۇ، گەرچە قېلىن كىيىنىۋالسىمۇ، ئەمما قول بىلەن ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
«تەكشۈرۈشتىكى ھەر بىر قەدەم مەشغۇلاتتا توغرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بىز ئىككى قولىمىزنى ئەينەكلىك بىيو بىخەتەرلىك ئىشكاپىغا كىرگۈزۈپ ئەۋرىشكىنى ئېچىپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز، بىز ئالىدىغان ئەۋرىشكە ئىستاكانى چىمچىلاق بارماق تىرنىقىنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا. ھورداپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ماسكىنى يەنىمۇ چىڭراق تاقىشىمىز كېرەك» دېدى شەن لېي.
ئەۋرىشكە قوبۇل قىلىشنى تىزىملاش، تەجرىبە مۇھىتى تەييارلىقى، شەخسىي مۇداپىئە تەييارلىقى، ئەۋرىشكە ئېلىش، گېن كۆپەيتىش، نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىشتىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقىچە، پۈتكۈل تەكشۈرۈش تەرتىپىنى تاماملاشقا تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ. شەن لېينىڭ دېيىشىچە، ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىم، ئۇلار تەجرىبىخانىدا ئۇدا 10 سائەتكە يېقىن خىزمەت قىلغان.
شۇ قېتىم ئۇ جاڭ خەنۋېي بىلەن بىللە بىر تۈركۈم ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈردى، جىددىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر تۈركۈم ئەۋرىشكىلەر قوشۇپ ئەۋەتىلگەن ئىدى، ئىككىيلەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن ئاشقاندا كىرىپ كەتكەن پېتى، ئەتىسى سەھەر سائەت 1دە بارلىق ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن چىقتى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەم ئۇسساپ، ھەم قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئىدى، قۇلىقىمۇ بوغۇلۇپ ئاغرىپ كەتكەنىدى.
مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جيېغا ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. «ئىككى بالىنىڭ چىقىپلا تۇنجى قىلغان ئىشى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ماڭا شۇ كۈندىكى ئىككى تۈركۈم ئەۋرىشكە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بولدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ «بۆلمە»دىن بىخەتەر چىققانلىقىنى كۆرگىنىمدە، كۆڭلۈم ئاندىن جايىغا چۈشىدۇ.
خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئۈچەيلەنمۇ باشقا ياشلارغا ئوخشاش كۈلكە-چاقچاق قىلىشقا، پاراڭ قىلىشقا ئامراق. جاڭ خەنۋېي ھەر كۈنى كەچتە ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىسى بىلەن سىندا پاراڭلىشىدۇ، خۇشال بولىدىغان گەپلەرنى دېيىشىپ، ئاتا-ئانىسىنى خۇش قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر كۈنلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىمىز ئازلاۋاتىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، بىز ئۈمىدنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆردۇق.»