تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فاڭساڭدا مۇھەببەت بار. شىنجاڭغا سالام خەت⑨丨 ئازابىنى يوشۇرۇش

 

   سىننى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋۇخەن، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان شيا چىڭ تۇيۇقسىز مومىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى قايغۇلۇق خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ ئازاپتىن بىر پەس يىغلىغاندىن كېيىن، ئۆيى تەرەپكە قاراپ ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئازابىنى قەلبىگە يوشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىغا داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ، ياخشى كەيپىيات بىلەن بىمارلانى پەرۋىش قىلدى.

  «95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» قىزچاق شيا چىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىن بىرىنچى تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان تېببىي خادىم. بىر ئايدىن بۇيان، شيا چىڭ ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر خەتەرلىك ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلدى. ئايرىپ داۋالاش مەزگىلىدە، كېسىلىدىن ئەنسىرىگەچكە ھەم تۇغقانلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، ئاغرىقلارنىڭ كەيپىياتى ناچار بولاتتى. شيا چىڭ دائىم سەۋرچانلىق بىلەن ئاغرىقلارغا تەسەللىي بەردى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، داۋالاشنى پائال قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى