تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شۆتوڭ خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تېببىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا، شۇ كۈندىن باشلاپ ۋاقىتلىق يول يۈرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلدى. بۇ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر.
تەڭشەشكە ئالاقىدار ئىككى خىل ئاپتوموبىل
بۇ قېتىمقى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش سىياسىتىنى تەڭشەش ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تېببىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش يۈك ئاپتوموبىللىرى؛ ئىككىنچىسى، خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىسادقا چېتىلىدىغان «گۈرۈچ خالتىسى»، «كۆك- تاق» قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى، تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا چېتىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى، نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئىبارەت. يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىللار مەزكۇر شەھەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى ياكى باشقا شەھەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى، ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ياكى قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى، مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەش دائىرىسىگە كىرىدىكەن.
خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ
بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەشكە ماسلىشىپ، قاتناش ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت يولى، ماددىي ئەشيا ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش بازىسى، چوڭ تىپىتكى يۈك تىرانسپورت مەيدانى، پونكىتى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىدىكەن. نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى يول ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بېرىش، يول كۆرسىتىپ قويۇش ۋە ئەترەت باشلاپ مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ۋاقىتلىق تەڭشەش كېيىنكى باسقۇچتا يەنە ئەسلدىكى يول يۈرۈش ئەندىزىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ
بۇ قېتىمقى يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان ۋاقىتلىق، باسقۇچلۇق كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلگەندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەسلىدىكى يول يۈرۈش ئەندىزىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.