تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز «كۆرسەتمە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەڭ قاتتىق بولغان ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ «كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى.

«كۆرسەتمە(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كارخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشكىلىي ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

كارخانىلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى بۆلۈم، بەن - گۇرۇپپا، ئىش ئورنى ۋە شەخسكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئامانلىقنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەخسۇس ئادەم سەپلەپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش - دېزىنفېكسىيەلەش، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەشۋىقات - تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلىشى، مەخسۇس ئادەم بېكىتىپ شۇ ئورۇننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى توپلاش ۋە يوللاش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى كېرەك.

يۇقۇم خەۋپىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم خەۋپىنى دەرىجىگە ئايرىشىغا ئاساسەن، ئىشنىڭ جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك تەشكىللەپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ساغلاملىقنى بىرتۇتاش تولۇق تەكشۈرۈپ، ئىش ئورنىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، غىزالىنىشقا بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ئىشقا بارىدىغان، ئىشتىن چۈشكەنلەرنى بىرتۇتاش ئاپىرىپ - ئەكېلىپ (تۇرمۇش رايونى بىلەن خىزمەت رايونىنىڭ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا)، ياتاقتا يېتىشقا بىرتۇتاش ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى