تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا قايتما ئىنكاس پىكرى بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا قايتما ئىنكاس پىكرى بەردى. يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شۆتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

ۋاڭ شۆتاۋ شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇپ، كارخانا بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئىنچىكە، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭدا يۇقۇم دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ قېلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى.

ۋاڭ شۆتاۋ كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەزمەن سەگەكلىكنى ساقلاپ قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، بوشاشماي ھەم ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ھەم يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار لايىھەسى ياكى تېخنىكا كۆرسەتمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنى تولۇق تەكشۈرۈش ۋە ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كۈندىلىك كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ۋە تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى دوختۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. بىز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىرلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، داۋاملىق جەڭ قىلىمىز. ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، بوشىشىش، بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز. قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۇختا، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى شىنجاڭغا قايتىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە قەتئىي تاماملايمىز. تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتىمىز. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى شىنجاڭغا قايتىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەيمىز. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەكتەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توردا ئوقۇتۇشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىمىز. تەشۋىقات - تەربىيە جەھەتتە يېتەكلەشنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز. پارتىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى، گوۋۇيۈەن 30 - خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئەزالىرى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى