تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى نۇقتىدا تۇرۇپ ياردەم بېرىپ، يۆلەپ كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى

نۇقتىدا تۇرۇپ ياردەم بېرىپ، يۆلەپ كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلاپ، بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك كارخانىلارغا نۇقتىدا تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇلازىمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى. ھازىر 17 كىشىلىك مۇلازىمەت ئەترىتى ئەۋەتىلدى، ئۇلار بۆلۈنۈپ 14 كارخانىغا ئورۇنلاشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىزمەتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، 16 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىغان ۋە مۇلازىمەت قىلغان. پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمدىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار داۋالاش بۇيۇملىرى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەيدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنى پۈتۈن جەريانلىق كىرېدىت بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى «توردا پۈتۈن جەريانلىق بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ تېز بېجىرىش» تىزىملاش، رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىق يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بازاردا قىس بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، تېز سۈرئەتتە تېز مۇلازىمەت قىلىش يولى ئېچىپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئارزۇسى بار كارخانىلارنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى ياكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، تەستىقلاش يېشىل يولى ئارقىلىق، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، مۇداپىئە نىقابى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانا 27گە يەتتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ئىچىدە يېڭىدىن بېجىرىپ تىزىمغا ئالدۇرغىنى 776، نامىنى ئۆزگەرتكىنى 428، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگىنى 218، نامىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلغىنى 1268، «توردا بېجىرىش» بارلىق تىزىملاش كەسپىنىڭ %94.6 ىنى ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەمەتجان ئابلا مۇنداق دېدى: «ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، بىز يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىجازەتنامە بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋاقىتنى ئىلگىرىكى ئون كۈندىن ئىككى كۈنگە قىسقارتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈچ بىلەن توك سىمى، كابېل قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە ئىش باشلىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ