تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يې سۈي خەۋىرى، فوتوسى): «بۇنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ، بۇ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ، بۇ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ...» 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 13تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تىيانشان شىمالىي يولى جياڭگېئېر ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى چېن جېن دۇكاندىكى ئۇستاملار بىلەن تاماق قاچىلاپ، ئىسسىق چۈشلۈك تاماقلارنى ئۈستەلگە توشقۇزۇۋەتتى.
چىڭسەي گۆش قورۇمىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى قورۇمىسى، شوخلا تۇخۇم قورۇمىسى... «تاماقنى تېزرەك قاچىلاپ، ئىسسىقىدا ئاپىرىپ بېرەيلى.» چېن جېن كۆپچىلىكنى يەنىمۇ چاققانراق بولۇشقا دەۋەت قىلدى، ئۇ تاماقلارنىڭ سوۋۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، چېن جېن ۋە ئۇنىڭ تۆت خىزمەتچىسى ئاشخانىدا تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە كۈچ چىقىرىشقا باشلىدى.
چېن جېن ئىسپىرت بىلەن ئۈستەل يۈزىنى سۈرتۈپ، ئۇچاق بېشىنىڭ تازىلىقىنى قىلماقتا.
«ھېلىمۇ ياخشى شياۋچېن بار ئىكەن، بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە ئۆزى ۋە خىزمەتچىلىرى ئاشخانىدا يېتىپ-قوپۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئۇ ئەكەلگەن تاماقلار بەك تەملىك...» دېدى قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچا باشقارمىسى لىيۈەن مەھەللىسىنىڭ 1-شۇجىسى، قۇمۇل شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن يۇخۇا.
«بىزنىۇ بىر كۈنلۈك تاماق پۇلىمىز 20 يۈەن، ئۇ چوقۇم زىيان تارتتى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى مەھەللە كادىرى تاڭ لى.
ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، چېن جېن خىزمەتچىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
«بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملار يۇقۇمغا قارشى جەڭدە ناھايىتى جاپا چېكىۋاتىدۇ، باشقا ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدىم. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاشخانىمىز ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان گۆشلۈك، گۆشسىز قورۇمىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ تەم ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت تەڭشىدى. تاماق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاماق تەييارلاشتىن ئىلگىرى ئاشخانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، پۈتۈن بەدىنىنى دېزىنفېكسىيە قىلدۇق، تاماق توشۇيدىغانلارمۇ ئۆزىنى دېزىنفېكسىيە قىلدى» دېدى چېن جېن.
2-ئاينىڭ 23-كۈنى، چېن جېن مەھەللىدىكى يالغۇز ياشانغانلارنىڭ تاماق ئېتىشى قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇندى، تاماق يەتكۈزۈش تىزىملىكىدە يەنە 10 ياشانغان كىشى كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ تامىقى ھەقسىز ئىدى. «ياشانغانلار ئامال بار ياغسىز تاماق يېيىشى كېرەك، ياغلىق، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. شۇڭا ياشانغانلارنىڭ تامىقى ئايرىم تەييارلىنىدۇ، مۇشۇنداق قىلساق ئۇلار ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماق يېيەلەيدۇ» دېدى چېن جېن.
«شياۋچېن ياخشى يىگىت، ھەر كۈنى ماڭا ۋاقتىدا تاماق ئەكىلىپ بېرىدۇ، تېخى پۇلمۇ ئالمايدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.» 71 ياشلىق لى يۈنيۈن يالغۇز بوۋاي بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھەر كۈنى چېن جېننىڭ مېھىر-شەپقەت چۈشلۈك تامىقىنى يېدى.
«چېن خوجايىننىڭ كۆڭلى ياخشى، ئۇ خىزمىتىمنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنى ئاشخانىسىغا كىرىپ، يازدا سالقىنداشقا، قىشتا ئىسسىنىشقا چاقىرىدۇ. قايناق سۇ، ئەتكەن چايلارنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ھازىر بىزگە يەنە ھەقسىز مېھىر-شەپقەت چۈشلۈك تامىقى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ.» ئەلى ئىلياس مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى بولۇپ، ئىككى يىل جەريانىدا، ئۇ چېن جېننى دوستۇم دەپ بىلىدىغان بولدى.
«يۇقۇم تۈگىمىسە، تاماق يەتكۈزۈشمۇ توختىمايدۇ! يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى چېن جېن.