تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبىگە ئېرىشىش] ئۈرۈمچى شەھىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەھەر رايونىدا يۈرۈشىنى چەكلەش سىياسىتىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ 2- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلەش سىياسىتىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

  بۇ قېتىمقى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش سىياسىتىنى تەڭشەش ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تېببىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش يۈك ئاپتوموبىللىرى؛ ئىككىنچىسى، خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىسادىغا چېتىلىدىغان «گۈرۈچ خالتىسى»، «كۆك- تاق» قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى، تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا چېتىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى، نۇقتىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى كاپالەتلىك قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى. يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىللار مەزكۇر شەھەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى ياكى باشقا شەھەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى، ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ياكى قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى، مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت مىقدارىنىڭ جىددىي ئېشىش يۈزلىنىشىگە قارىتا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرى، ئەشيا ئوبوروتىنى يىغىش-تارقىتىش مەركەزلىرى، يۈك تىرانسپورتى يولى ئەتراپلىرىدا ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىپ، يول قاتنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يەنە مۇھىم يول بۆلەكلىرىدە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، يول ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بېرىش، يول كۆرسىتىش، ئەترەت باشلاپ مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ماددىي ئەشيا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا بولغان قاتناش مۇلازىمىتى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدىكەن.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش تەدبىرىنىڭ تەڭشىلىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، يۇقۇم ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلگەندىن كېيىن، يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئەسلىدىكى يول يۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە يول يۈرىدىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى قوللانغان يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش تەدبىرى شەھەر مۇھىتى، ھاۋا سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يول، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى