تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فاڭساڭدا مۇھەببەت بار丨شىنجاڭغا سالام خەت⑦ خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر ئۆيىدە، مەن ئاغرىقلارغا گۈل ھىدىنى پۇراشنى ئۆگىتىمەن

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما جياۋ ۋۇخەنگە بارغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم نۆۋەت بىلەن دەم ئالدى، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ ئىزچىل ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا رايونىدىكى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.

  ۋۇخەندە ما جياۋنى يېتەكلىگەن پەرۋىش ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق دېدى: ئاغرىقلارنىڭ نەپەس رېتىمىنى تەڭشەشتە، ئۇلارنى خۇددى گۈل ھىدىنى پۇرىغاندەك نەپەس ئالدۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا قاننىڭ ئوكسىگېنغا تويۇنۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى پايدىلىق.

  «كېسەلخانىدا ئەمەلىيەتتە گۈل يوق، بىراق مېنىڭ قەلبىمگە ئۈمىد ئۇرۇقى تېرىلغان، مېنىڭ قىلىدىغىنىم بۇ گۈلنىڭ ئۇرۇقىنى ئاغرىقلارنىڭ قەلبىگە تېرىش» دېدى ما جياۋ.

  سىننى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى