تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

13 تۈرلۈك تەدبىر كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسى:

13 تۈرلۈك تەدبىر كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا 13 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشقان.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن نۇقتىلىق كارخانىلارغا قارىتا، باج ئىشلىرى تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا مەخسۇس كوللېكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، توردا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، باجغا چېتىشلىق دەۋا - تەلەپلەرنى بەلگىلەنگەن نۇقتا بويىچە نىشانلىق، دەل جايىدا يوللاپ، ئىگىلەپ، كارخانىلارنى باج ئېتىبارىدىن تېگىشلىك، تېز بەھرىلەندۈرىدۇ؛ ئاممىۋى ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈش زۆرۈرىيىتىگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زۆرۈرىيىتىگە، ئاممىنىڭ تۇرمۇش زۆرۈرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چېتىشلىق كارخانىلارغا قارىتا، تەۋەلەشتۈرۈپ تىزىملاش شەكلى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىشىنى، تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ساھەلەردىكى كارخانىلارغا قارىتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار باج ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە چوڭراق ئۇچرىغان قاتناش - تىرانسپورت، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت تۆت خىل ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ 2020 - يىلى كۆرۈلگەن زىيىنىغا قارىتا ئەڭ ئۇزاق ھېسابقا يۆتكەش يىل چېكى بەش يىلدىن سەككىز يىلغا ئۇزارتىلىدۇ؛ كارخانىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ئېغىر، زور زىيانغا ئۇچرىسا ياكى ئېغىر زىيان تارتسا، باج تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى ئۆي - مۈلۈك بېجى، شەھەر - بازار يەر ئىشلىتىش بېجى تاپشۇرۇش قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىشنى ۋە كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قىيىنچىلىقى بار يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش نىسبىتى %3تىن %1كە چۈشۈرۈلىدۇ؛ يەككە «قوش مۇقىم سودا - سانائەتچى» يۇقۇم مەزگىلىدە تىجارەت قىلغان، لېكىن تىجارەت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %20تىن ئاشقان بولسا، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ باج ئىشلىرى APPسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەسئۇل باج ئىشلىرى ئورگىنىغا بېكىتىلگەن سوممىنى كېمەيتىپ تەڭشەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

باج ئىشلىرى تارماقلىرى باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئېھتىياجىغا قارىتا، ئۇچراشماسلىق شەكلىدىكى دەل جايىدا بولغان مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدۇ؛ باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمەت سورۇنلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە تاقىۋېتىلسە، تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، تور سىرتىدا تولۇق كاپالەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ باج بېجىرىش ئېھتىياجىنى كۈچەپ قاندۇرىدۇ؛ «ئالاقە تورى+نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دەل جايىدا بولغان خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە باج ئىشلىرى تەكشۈرۈشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باج مۇھىتى يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى