شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %68.5كە يەتكەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ۋە ئالاقىدار كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىرانسپورت جەريانىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنى توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك سۇ، توك، پار قاتارلىقلار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئىسرايىل ئىسمايىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نازارىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 160 كارخانىنى دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدىغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى مەدىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.