تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، ھەم ئېشىپ قالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، «تۆت ئاڭ»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىلمىي، پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن زىياننى تولۇقلاش، ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئەمگەكچى كىرگۈزىدىغان جايدىكى كارخانىلار بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى ھازىرلاپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا تەرتىپلىك قايتىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەش، زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، نامرات دېھقان - چارۋىچىلار ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى تەرتىپلىك، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئېتىزغا چىقىشقا، تارقاق ئەمگەك قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەش كېرەك. ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس پوكەيلەر، تاللا بازارلىرىغا كىرگۈزۈشكە تەشكىللەپ، «ئالاقە تورى+» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. توردا بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ تەستىقلاش، توردا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق قەرزنى قايتۇرۇش مۆھلىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، يۆلەشكە ئالدىن ئىشلىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى نامرات ئاممىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبلىك تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان نامرات ئاممىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېغىر نامرات رايونلاردا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈر قۇرۇلۇشى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ۋە داۋالاش كاپالىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پۇختا ئىشلەش ئىستىلى ئارقىلىق پۇختا تۇتۇپ، كەشتە تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق ئىنچىكە تۇتۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككى قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى قىلماسلىق، قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ