تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالتاي: ئاتلىق تەشۋىقات مۇلازىمەت ئەترىتى «يۇقۇم»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولنى ئاچتى

  ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «يەنە 10 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بارمىدۇق، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى چارۋىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بولۇشقا تىرىشايلى.» باش باھاردىن كېيىنكى شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى ئېرتىش دەرياسىنىڭ دەريا ۋادىسى يەنىلا كۈمۈش تونغا ئورالغانىدى، غابىبۇل ئالىمقان قاتارلىق 12 كىشىدىن تەشكىللەنگەن سارخۇلسۇن يېزىسى سارخۇلسۇن كەنتىدىكى ئاتلىق تەشۋىقات مۇلازىمەت ئەترىتى ھەر كۈنى دەريا جىلغىسىنى ئاتلىق ئارىلاپ، چەت-ياقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى ھەرقايسى يېزا-بازار چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تارقاق جايلاشقانلىقى، قاتناشنىڭ قولايسىز بولۇشىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پائال تۈردە ئاتلىق تەشۋىقات مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، چارۋىچىلارنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولنى ئاچتى.

  «ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا يىغىلىپ يولغا چىقىمىز، كەچ سائەت 10دا ئاخىرلىشىدۇ، بەزىدە يول ياخشى بولمىغاچقا، بۇنىڭدىنمۇ كەچ قالىمىز. ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى زور.» دېدى سارخۇلسۇن يېزىسى ئاتلىق تەشۋىقات مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى غابىبۇل ئالىمقان.

  «سىرتتىن كەلگەنلەر بارمۇ؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى قانداقراق، نورمالسىزلىق بارمۇ؟» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بۇ تەشۋىقات ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئۇچرىغانلا ئادەمگە دەيدىغان ئادەت سۆزىگە ئايلانغانىدى. ئۇلار ھەر كۈنى زىيارەت قىلىش، تېلېفون ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق دەريا ۋادىسى تەۋەلىك رايونىدىكى بارلىق چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات ئەترىتى يەنە «تېز يەتكۈزگۈچى» بولۇپ، چارۋىچىلارغا ماسكا، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرى، كۆكتات، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق تۇرمۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى، ھەمدە، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانات دورىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بەردى.

  «بۇ تەرەپتە يول ياخشى ئەمەس، تەشۋىقات ئەترىتى ماڭا ئەڭ يېڭى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى، يەنە ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۈيى، ھايۋانات دورىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئەكىلىپ بېرىپ، ئۆيدە خاتىرجەم ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» دېدى چارۋىچى قادىلبېك سۇماغۇل.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بوشاشتۇرماي، تەشۋىقاتنى ئۈزۈپ قويماي، تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرى بارالمايدىغان چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرى، ھەرقايسى يېزا (بازار)لاردا ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئات قەيەرگە بارالىسا، تەشۋىقات كىچىك كانىيىنى شۇ يەرگىچە» ياڭراتتى، تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تارقاتقۇچى، يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەشۋىقاتچىسى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى پوچتالىيونى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى بويىچە چارۋا دوختۇرى قاتارلىق كۆپ خىل سالاھىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى