تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقانچىلىققا دەخلى يەتكۈزۈلمىدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى جىددىي ئىشلەنمەكتە

___ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي - قانۇن تارماقلىرىنىڭ كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنار

ھازىر دەل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىياسىي - قانۇن تارماقلىرىنىڭ « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

يەر ئاغدۇرۇش، مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆچەت تىكىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش . . . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېتىز - قىر باشلىرى ئالدىراش تۈسكە كىردى، بىر پارچە ئۆزگىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ كارتىنىسى ئاستا - ئاستا «ئېچىلدى».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن تېرىلغۇ تەييارلىقىنى «ئىككى قولدا تۇتۇش»

كەڭ زېمىن باھار تۈسىگە كىردى، ھەممە مەۋجۇدات ئويغىنىشقا باشلىدى. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى.

«بۇ ھالقىلىق پەيتتە، پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىككى تۈرلۈك خىزمەتنى ئازراقمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.» يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى دۇڭ مېي كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا شۇنداق دېدى. ئېرىقبېشى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسى بۇ يىللىق تېرىقچىلىق پىلانىغا ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى زاپىسى ۋە ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل ئىگەللەپ، ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق، يەم - خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ يۆتكەشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى تىرانسپورتىنى يېشىل يول بىلەن تەمىنلىدى.

2- ئاينىڭ 22 – كۈنىگىچە، كەنت بويىچە 130 توننا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشياسى تەييارلاندى، 650 مو مەھەللىۋى ئوغۇت توشۇلۇپ، 750 مو كۈزگى بۇغدايغا ئوغۇت بېرىلدى؛ تۆت ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ، 250 مو يەردىكى بۇغداي سۇغىرىلدى، كەنتتىكى 1250 مو يەردىكى مېۋىلىك باغ ۋە 1200 مو يەردىكى ئېتىز كەينى - كەينىدىن ئوغۇتلاش ۋە سۇغىرىلىشقا باشلىدى.

«كۆپچىلىك ماسكا تاقاڭلار، تارقاق ئىشلەڭلار.» يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باي ناھىيەسى سايرام بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى دېھقانلار تارقاق مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پارنىك ياساپ، كۆكتات تېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.

يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ۋاقتىدا تەشكىللىدى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى « يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەدىنامىسى » ئىمزالاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە قولاي پىدائىيلار مۇلازىمىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار ھەمدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن كىشىلەر ئېقىمى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىگە قارىتا، كىشىلەرنىڭ قايتىشى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى تەرتىپلىك تەشكىللىدى.

كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى تۆۋەن دوغا كەنتى 5 - گۇرۇپپىسىنىڭ ئاھالىسى قۇربان ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل بىر پارنىك ياسىدى، ئۇنىڭ ئىلگىرى تېرىقچىلىق تەجرىبىسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقا چىقىپ مايسا يېتىشتۈرۈشكە كېرەكلىك ئۇرۇق قاتارلىق ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش قولايسىز ئىدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بو شىنۋېي ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قۇرباننىڭ مايسا يېتىشتۈرۈشكە كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى، ھەمدە كەنتتىكى كۆكتات پارنىكى كەسپىي تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە قۇرباننىڭ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قۇربانغا ئوخشاش كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ 32 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم قولىنى سوزدى.

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، تەلىپىنى ھەل قىلىش

«يۇقۇم تۈپەيلىدىن، ھېچكىم غاز تۇخۇمى ئالمىدى، بىز غاز تۇخۇمىنى ساتالماي، بەك جىددىيلىشىپ كەتتۇق !» 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن ياردەم سورىدى .

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتى 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كەمچىل 40 ئائىلىگە 2000 غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ تارقىتىپ بەردى، شۇ چاغدا غاز تۇخۇمى سېتىش ئەڭ ياخشى كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرى بولۇپ قالغانىدى. لېكىن بۇ يىل كىرىشى بىلەن تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 3000دىن ئارتۇق غاز تۇخۇمىنىڭ سېتىلماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .

ھەم يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق، تەلىپى ئالدىدا، چوڭكۆل كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋېي فېڭ خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى پائال ئالاقىلىشىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، بىر چۈجە چىقىرىش مەيدانى تاپتى ھەمدە ئەزالارنى تۇخۇم يىغىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 18 – كۈنى، چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تۇخۇم يىغىپ، تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، غاز تۇخۇمىنى چۈجە چىقىرىش مەيدانىدىكى خىزمەتچىلەرگە بىر تۇتاش تاپشۇرۇپ بەردى، ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە غاز تۇخۇمى ساتقان پۇلنى باقمىچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش

« خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئەتىگەندىلا كېلىپ سۇغۇرۇش ئىشلىرىمغا ياردەملەشتى، بۇ يىل ياڭاقتىن ياخشى ھوسۇل ئالىدىغان بولدۇم»، دېدى2 - ئاينىڭ 25 – كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى كاسپى كەنتىدىكى ئىمىن ئەخمەت.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ كاسپى كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى .

كاسپى كەنتى خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىنىڭ ئاساسلىق ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلار ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ % 80 ى ياڭاقتىن كېلىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ كاسپى كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەنتنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتتى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، يېزا - بازاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى يەنىمۇ ئىلمىي ھالدا ياڭاق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، دېھقانلارنى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بويىچە ياڭاق دەرىخىنى پۇتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ياڭاقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.

خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى ئازنابازار كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى يىن جياڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى شىرئەلى سەيدۇللانىڭ ھويلىسىدا بىر موغا يېقىن بوش يەر بار ئىدى، يىن جياڭ ئۇنىڭ پارنىك ياساپ چىلگە قوناق تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يىن جياڭ يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى پىلانلاپ، تۆگە ۋە غاز باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى، كۈزدە كۆممىقوناق شېخىنى تۆگىگە يەم - خەشەك قىلىشقا بولاتتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قارادۆۋە بازىرى چىغىرتماق كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى .

دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش بىلەن بىللە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تور ئابونتى تېرمىنالى A P P سىدىن يېزا ئىگىلىك تور دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ بېرىپ، « تور مۇلازىمىتى + ئاقىل يېزا ئىگىلىكى» دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئەڭ قولايلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېرىقچىلىق تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى تور ئارقىلىق دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

چېن زېخۇا، ۋاڭ چېن، جاڭ لېي، فاڭ جياۋېي، گۇ شۆلىلار خەۋىرى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى