تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلاردىن ھال سوراش خېتى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار:

  كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار!

  جىددىي پەيتتە، قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كەسكىن كۈرىشىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇردۇڭلار. سىلەر خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باشتىن-ئاخىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بازىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جەڭ قىلىپ، سادىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغدىدىڭلار؛ سىلەر قار-شىۋىرغانغا قارىماي، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، يۈرەك قېنىڭلار ۋە قان-تەرىڭلار ئارقىلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، تاشقى جەھەتتە كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىڭلار؛ سىلەر قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇملىنىپ قېلىش خەۋپىگە قارىماي، بىرىنچى ۋاقىتتا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىلمىي قۇتقۇزدۇڭلار-داۋالىدىڭلار؛ سىلەر «يوللانما يەتكۈزۈش خادىمى»، «تازىلىقچى» بولۇپ، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىڭلار... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا، كەنت، مەھەللە، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا سىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لىك سىيمايىڭلار نۇرلىنىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇردۇڭلار. سىلەر ئاتاكىغا ئۆتكەن ئەزىمەتلەر، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، بىزنىڭ پەخرىمىز!

  ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگىلا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، بىزنىڭ ئەڭ غەم قىلىدىغىنىمىز سىلەرنىڭ سالامەتلىكىڭلار، چوقۇم ئۆزۈڭلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىڭلار. بىز سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار، باشتىن-ئاخىر سىلەر بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  يامغۇردىن كېيىن ھامان قوياش نۇرى پارلايدۇ، غەلىبە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا. قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى، يېتەكلىشىدە، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە  ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى

2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى