تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن چوڭ خىرىس؛ يۇقۇم ۋەزىيىتى پەسىيىشكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىغىلى بولىدۇ، بۇمۇ ئىنتايىن چوڭ خىرىس.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشىمىزغا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئوخشىمايدۇ، ھەم ئوخشىمىغان رايونلارغا قارىتا «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەم يەڭگىللىك بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇشقا، تۆھپىلەرنىڭ يوققا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى جايىدا ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىق بولمىغان جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ پەيتتە، بۇ بىزدىن يۇقۇم ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدى بىلەن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. بىز ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، بۇ ئېنىقكى مۇقەررەرلىك. يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، قانچە مۇشۇنداق ۋاقىتتا، شۇنچە ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىكىلىق، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قاراش كېرەك، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. دۆلىتىمىز چوڭ دۆلەت، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىپ ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى زور، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشىنىڭ ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، يۇقۇمنىڭ زەربىسى قىسقا مۇددەتلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت بىز بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قويۇپ بەرسەكلا، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا، ئاچقۇچ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. يۇقۇم ئېغىر ياكى خەۋپ - خەتەر يۇقىرى رايونلار داۋاملىق زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، خەۋپ - خەتەر ئوتتۇراھال رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، خەۋپ - خەتەر تۆۋەن رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتىن سىيرىلىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىسقا مۇددەتلىك زەربىنىڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ، ئەسقاتىدىغان بولۇش، پۇختا، مۇكەممەل پۇل سىياسىتىدە جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ئەندىزىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشتا، ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش پىلانى بولۇش، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بولۇش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش»قا ماھىر بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشقا بولمايدۇ، ئاستا - ئاستا تۇتۇش، ساقلاپ تۇرۇش ئىدىيەسىدە بولۇشقا بولمايدۇ، ئىنچىكە تۇتماسلىق، ئەمەلىي تۇتماسلىققا بولمايدۇ.

ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، پەقەت بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقلاردا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرساقلا، چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايمىز، يەنە چوقۇم دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىيالايمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى