تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئادەم ئىشچان بولسا، باھار بالدۇر كېلىدۇ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىمۇ قىلىمىز، يېزا ئىگىلىكىگىمۇ دەخلى يەتكۈزمەيمىز

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغىمۇ دەخلى يەتكۈزمەي، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاسراش، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق، تۆل ئېلىش قاتارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ يولغا قويماقتا. ئېتىز-ئېرىق باشلىرى، كۆكتات پارنىكلىرى، باغۋەنچىلىك مەيدانىلىرى ۋە مېۋىلىك باغلار، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر رايونلىرى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى... ھەممە يەردە ئالدىراشچىلىق باشلاندى، جايلار ، تارماقلار يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىراش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ئەمەلىي تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى