تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[«يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە] شىنجاڭ سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىلىرىنىڭ « 72 خىل ئۆزگىرىشى»گە قاراڭ

ئۇلار «تەشۋىقاتچى» «ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى»«تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى» « بەدەن چىنىقتۇرۇش تېرېنىرى»...... يۇقۇم ئالدىدا سىياسىي–قانۇن كادىر-ساقچىلىرى «ئون سەككىز خىل ماھارەت»نى ئىشقا سېلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشتى.

«تەشۋىقاتچى»

ئالتاي ۋىلايىتى جىمىنەي ناھىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان، چارۋىچىلىق كۆلىمى كەڭ، چارۋىچىلارنىڭ تارقاق ئولتۇراقلىشىش، قاتناش قولايسىز بولۇش، ئۇچۇر توسۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، جىمىنەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ساقچىخانىلاردا «ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتى» تەشكىللەپ، خەلق ساقچىلىرىنى چەت – يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئاتلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش بىلىملىرى، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى، تىپىك ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە چارۋىچىلارغا توغرا بولغان قول يۇيۇش، ماسكا تاقاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تەشۋىقاتىدا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«پىدائىي»

«بىز ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيەلەيمىز، كۆپچىلىك دېرىزىلەرنى ياخشى تاقاڭلار.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاقلىق قورۇسى مەھەللىسىنىڭ مۈلۈكدارلىرى ئۈندىدار توپىدا، پىدائىي جۇ شيەنفېڭ يۇقارقى ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تارقاتتى.

جۇ شيەنفېڭ سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا 1 – كوللېگيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، ئىتتىپاقلىق قورۇسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ بىر پارتىيەلىك پىدائىيسى بولدى. ھەركۈنى مەھەللىدە ئۇنى كۆرگىلى بولاتتى، كىرىپ – چىققانلارنى تىزىملاش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلغاندىن سىرت، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاھالىلەرگە نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇنىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرەتتى، ئاھالىلەرنى قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاش ۋە ماسلىشىشقا يېتەكلەيتتى.

« بەدەن چېنىقتۇرۇش ترېنېرى»

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق « ئۆيىدە تۇرۇش » ئەندىزىسى قوزغىتىلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ئالاھىدە بىر بۆلەك بەدەن چېنىقتۇرۇش سىن كۆرۈنۈشى تەييارلاپ، ئاھالىلەرنى ئۆيىدە مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

«ئاقكۆڭۈل شوپۇر»

«ۋەي، ياخشىمۇسىز، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتىمۇ؟ بىزنىڭ قورۇدىكى تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغان بىر ھامىلدار ئايالنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك ئىدى، ئاپتوموبىل ياردىمى بىلەن تەمىنلىسەڭلار »

«بولىدۇ، تەپسىلىي ئادرېسىڭلارنى ئېيتىپ بېرىڭلار، ھازىرلار بارىمىز.»

2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى سەھەر سائەت 8 دە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش چوڭ ئەترىتى «كۆك قالقان مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى»دىكى خەلق ساقچىسى ئاممىدىن كەلگەن ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. بۇ «كۆك قالقان مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى» قۇرۇلغاندىن بۇيان قوبۇل قىلغان 300–قېتىملىق ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونى، شۇنداقلا شۇ كۈنى سەھەر سائەت 0 دىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان 30– قېتىملىق ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونى ئىدى.

ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئاجىز توپنىڭ جىددىي تەلىپىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەترەت «كۆك قالقان مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى»نى قۇردى. «كۆك قالقان مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى»دە 10 چارلاش ئاپتوموبىلى بار، ھەر بىر ئاپتوموبىلدا ئۈچ نەپەر ئەترەت خادىمى، ئەترەتتە ئىككى نەپەر ئىچكى خىزمەت ئالاقىلىشىش خادىمى بار بولۇپ، ھەركۈنى ئاممىنى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۈندىلىك ئاساسلىق خىزمىتى ئاممىغا ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئالاھىدە ئەھۋالدا جىددىي ئاپىرىپ – ئەكىلىش قاتارلىقلار.

«قۇرۇلۇش ئىشچىسى»

2–ئاينىڭ 20 –كۈنى، قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بوستانتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايونىدىكى بىر يالغۇز ياشانغان كىشىنىڭ ھويلا تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، خەلق ساقچىلىرى (ياردەمچى ساقچىلار) ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ تېمىنى قوپۇرۇپ بېرىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى.

«تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچى»

«شياۋما، ماڭا لازىملىق نەرسىنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى يوق دەيدۇ، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرەمسىز ؟»

«شياۋما، سەت بولدى، مېنىڭ قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان دورام تۈگەي دەپ قاپتۇ، ماڭا ياردەم قىلىپ ئەكىلىپ بېرەمسىز.»

«بولىدۇ، چاتاق يوق، توك كارتىسى (سۇ، داۋالىنىش كارتىسى)نى تەييارلاپ قويۇڭ، سەل تۇرۇپ ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئېلىۋالىمەن.» قاراماي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش كادىر – ساقچىسى ما شۆچاۋ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ھەركۈنى زىرىكمەستىن تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرگە كېرەكلىك ھەرخىل لازىمەتلىكلەرنى تىزىملاپ، جەدۋەل تۈزۈپ تەمىنلەش سودىگەرلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، تەمىنلەش سودىگەرلىرى مالنى تەييار قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە نەرسىلەرنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بىر – بىرلەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. گازىر، قول سۈرتىدىغان قەغەزدىن، ئۇن – گۈرۈچ، ياغ، پۈتۈن قوينىڭ گۆشىگىچە ئۇ ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈپ، يۈدۈپ دېگۈدەك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدۇ.

«ئوت مۇداپىئە خادىمى»

2 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سائەت 20 لەردە، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دۆلەتباغ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ليۇ خۇڭبىڭ، ياردەمچى ساقچى لۈ لۇڭفېي چارلاش داۋامىدا، ئاممىنىڭ خېڭچاڭ 2 – قارار ئولتۇراق رايونى يېنىدىكى بىر تىرانسفورموتورغا ئوت كەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«چاتاق بولدى، دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك.» ليۇ خۇڭبىڭ، لۈ لۇڭفېي تېزلىكتە نەق مەيدانغا قاراپ ماڭدى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى ئوت مۇداپىئە ئوتتۇرا ئەترىتىگە مەلۇم قىلدى.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ليۇ خۇڭبىڭ، لۈ لۇڭفېي ۋە باشقا ئەترەت ئەزالىرى چارلاش ئاپتوموبىلىدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە باشلىدى. قەشقەر شەھىرى چاسا ئوت مۇداپىئە ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار بىلەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، بىر گۇرۇپپا ئەتراپتىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئوت مۇداپئە يولىنى ئاچتى، بىر گۇرۇپپا ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئوت ئاپىتى يۇشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى.

«ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچى»

2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تويبولدى بازارلىق ساقچىخانىسى قۇمئېرىق كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى تەۋەلىك رايوننى چارلاش داۋامىدا ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ياۋا قىزىل تۈلكىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياۋا قىزىل تۈلكە قاپقانغا دەسسىۋىلىپ ئوڭ پۇتى يارىلانغان، يارىلانغان پۇتى بىلەن قاپقاننى سۆرەپ قۇمئېرىق كەنتى تەۋەلىكىگە كەلگەن. خەلق ساقچىسى دەل ۋاقتىدا ئورمان ساقچىخانىسى، ئورمانچىلىق – ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە ئاممىنى تەشكىللەپ ياۋا قىزىل تۈلكىنى قۇتقۇزغان.

كەسپىي خادىمنىڭ دەلىللىشىچە، يارىلانغان ياۋا قىزىل تۈلكە ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، كەسپىي خادىملار ئۇنى داۋالاپ ساقايغاندىن كېيىن تەبىئەتكە قويۇپ بېرىدىكەن.

ھازىر بۇ ساقچىخانا ھەرقايسى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىلىرىنى تەۋەلىك رايونىدا تور يېيىش شەكلىدە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قاپقان، تور قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلايدىغان قوراللارنى تازىلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن.

« كارتون رەسسامى»

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ما لىتىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كارتون رەسىم سىزىش ئارقىلىق «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان سەپداشلىرىنىڭ خىزمەت كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلىدى، ئۇ يەنە تۆت ياشلىق ئوغلىغا ئاۋاز بەرگۈزۈپ قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان يۇقۇمغا قارشى كارتون سىنى تەييارلىدى.

« ئاشپەز، شۇنداقلا ئۇسسۇل مۇئەللىمى»

تۇرسۇنئاي ئاۋۇت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پەنجىم ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، ساقچىخانىدا خىزمەت قىلغىنىغا يەتتە يىل بولدى.

يۇقۇم ئالدىدا، ھەممەيلەن ئىش ئورنىدا بولدى، لېكىن ئاشخانىدىكى ئاشپەز ئاغرىپ قالغانلىقتىن ئۆيىدە بولۇپ قالدى، ساقچىخانا رەھبەرلىرى بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ تاماق مەسلىسىدىن غەم قىلىۋاتقان پەيتتە، تۇرسۇنئاي ئورنىدىن دەس تۇردى.

ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق يېيىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر سائەت 7 دىلا بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، سەي ئاقلاپ، يۇيۇپ، توغراپ، سەي قورۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا قۇۋەتلىك، مەززىلىك تاماق تەييارلىدى.

«مەن پەقەت چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلدىم، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئەرزىيدۇ» دېدى تۇرسۇنئاي.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، تۇرسۇنئاي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش نۇقتىسىدا ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ چۆمۈچنى تاشلىغاندىن كېيىن تېزلىكتە «رولى»نى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش جېڭىگە ئاتلاندى. خىزمەتداشلىرىنىڭ كۈندە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇرسۇنئايدا ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش ئويى پەيدا بولدى. رەھبەرلەر قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئارىلىقىدىكى 15 مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ خىزمەتداشلىرىغا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپلا قالماستىن، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خۇشال قىلدى.

ئۆزگەرگىنى رول

ئۆزگەرمىگىنى ئەسلىي مەقسەت

«كۆپ خىل ئۆزگىرەلەيدىغان» سىلەرگە رەھمەت!

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى