تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە مەن بار] 90- يىللاردا تۇغۇلغان خەلق ساقچىلىرى: يۇقۇمغا قارشى جەڭدە ئۇرغۇغان ياشلىق

2-ئاينىڭ 24- كۈنى، بىر قېتىملىق قېلىن قاردىن كېيىن، ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل مىللىي يېزىسى بەئەينى قار-مۇز پادىشاھلىقىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ۋەھالەنكى، بۇ تىنچ-ئىناق كۆرۈنۈشنىڭ كەينىدە، خاندىغات چېگرا ساقچىخانىسىدىكى 90- يىللاردا تۇغۇلغان بىر توپ چېگرا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۈن-تىنسىز قوغدىشى بار ئىدى.

«يان تېلېفوندا ئەھۋاللىشىپ» خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش

«ئاچا، مەن شياۋجاۋ، مېنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟» 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردىلا، خاندىغات چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ 90-يىللاردا تۇغۇلغان خەلق ساقچىسى جاۋ شۆبىن يان تېلېفون ئارقىلىق خاندىغات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى باقىتگۈل جۇماتاي بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ «ئەھۋاللاشتى».

جاۋ شۆبىن كەنت ئاھالىسىگە ياردەملىشىپ قار تازىلىماقتا

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، 90-يىللاردا تۇغۇلغان خەلق ساقچىسى جاۋ شۆبىن ھەركۈنى يان تېلېفون ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن «يان تېلېفوندا ئەھۋاللاشتى»، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھەركۈنى توردا كۆرۈشۈپ، بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.

2018-يىلى 11 - ئايدا، جاۋ شۆبىن خاندىغات كەنتى باشقۇرۇش رايونىنىڭ خەلق ساقچىسى بولدى. 2020- يىلى جاۋ شۆبىننىڭ كەنتتە خىزمەت قىلىۋاتقىنىنىڭ ئىككىنچى يىلى بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 253 ئائىلىلىك ئاھالە ئۇنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەنىدى.

52 ياشلىق باقىتگۈل جورىسىز ئانا ئىدى. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، باقىتگۈلنىڭ ئوغلى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىزچىل ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەنىدى، ئۇ ئوغلىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئەنسىرىگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن جاۋ شۆبىن ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ يان تېلېفونىغا ئۈندىدار چۈشۈرۈپ بېرىپ، ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ سىندا پاراڭلىشىشىغا قولايلىق ياراتتى.

شۇ كۈنى، جاۋ شۆبىن تېلېفوندا سىنلىق كۆرۈشۈۋېتىپ، باقىتگۈلنىڭ ھويلىسىدىكى يىغىلىپ قالغان قارنىڭ تېخىچە تازىلانمىغانلىقىنى كۆردى، ئۇ دەرھال خەلق ساقچىسى مېڭ شياڭنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدىكى يىغىلىپ قالغان قارنى تازىلىغىلى ماڭدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، جاۋ شۆبىن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سىنلىق «ئەھۋاللاشقان»دا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بالىلىرىنىڭ توردا دەرس ئاڭلاش كېرەكلىكى، تورنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جاۋ شۆبىن بۇ يېزا–بازاردىكى كادىرلار بىلەن بىرمۇ بىر ئۆلچەپ، تورنىڭ نورماللىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىنلا، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسى بار ئائىلە باشلىقلىرىغا بىر-بىرلەپ دەرس ئاڭلاش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىشنى ئۇقتۇردى.

خەلق ساقچىلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا

خاندىغات چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى نۇرجارىق قالىم مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان خەلق ساقچىلىرى تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، ئۇلار خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر، پىكىر يولى جانلىق، «يان تېلېفوندا ئەھۋاللىشىش» ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرۇش دەل ئۇلار ياراتقان يېڭىلىقلارنىڭ بىرى. نۇرجارىق مۇنداق دېدى: «يۇقۇم مەزگىلىدە، جاۋ شۆبىن ۋە باشقا 90-يىللاردا تۇغۇلغان خەلق ساقچىلىرى پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى».

«تور ۋە تور سىرتىدا» خەلق قەلبىنى ئىللىتىش

«شياۋ مېڭ، ئائىلىمىزنىڭ نوپۇس دەپتىرىنىڭ بەزى ۋاراقلىرى يىرتىلىپ كېتىپتۇ، ساقچىخانىغا بېرىپ ئالماشتۇرۇۋالاي دېگەنىدىم، ئەمما ھازىر سىرتقا چىققىلى بولمايدۇ، سىزنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟ » دېدى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، خاندىغات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۈن رۈيليەن مېڭ شياڭغا تېلېفون بېرىپ.

ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ساقچىخانا نوپۇس ساقچىسى جى گوخۇا دەرھال نوپۇس دەپتىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىردى. شۇ كۈنى، مېڭ شياڭ يېڭى نوپۇس دەپتىرىنى سۈن رۈيليەنگە يەتكۈزۈپ بەردى.

22 ياشلىق مېڭ شياڭ خاندىغات چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ پىراكتىكانت خەلق ساقچىسى. 2019-يىلى 1-ئايدا، ئۇ جىلىندىن شىنجاڭغا كېلىپ، چېگرا خەلق ساقچىسى بولدى. ھەممىگە ناتۇنۇش ئادەمدىن «كۆپنى بىلىدىغان» ئادەمگە ئايلىنشقىچە، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى شۇيەردىكى پۇقرالارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايتتى.

50 نەچچە ياشلىق سۈن رۈيليەن خاندىغات كەنتىدىكى تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، كەنتنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئوبدان بىلەتتى. سۈن رۈيليەن ھەمىشە مېڭ شياڭغا شۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇراتتى، مېڭ شياڭ ئۇنىڭغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىساللىرى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سۈن رۈيليەن ئامانلىق پىدائىيسى بولۇپ، ھەمىشە ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان بولدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە خاندىغات يېزىسىنىڭ ھەممە يېرىدە خەلق ساقچىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. 22 ياشلىق لى چىشىڭمۇ بىر پىراكتىكانت ساقچى ئىدى. ھەركۈنى ئەتىگەندە ئۇ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، چارلاش ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ، بۇ كەنتنىڭ ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىنى چارلايتتى.

لى چىشىڭ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىلنى تەكشۈرمەكتە

لى چىشىڭ: «بىر چىقىپ كەتسەكلا بىر كۈن سىرتتا بولىمىز، ھەركۈنى ئون مىڭ قەدەمدىن ئارتۇق ماڭىمىز» دېدى.

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، خاندىغات چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى لى فەن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بىر ئالاھىدە سوۋغات تاپشۇرۇۋالدى. خاندىغات يېزىسى خوبرېت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گېمىڭگۈل تۇرسىبېك لى فەن بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا بىر چۆگۈن ئەتكەن چاي ھەم بىر لېگەن سۈر گۆش ئېلىپ كەلگەنىدى.

گېمىڭگۈل دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى قىلاتتى. ئۇ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەركۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ئۇلار ئۈچۈن قازاق مىللىتىنىڭ ئالاھىدە تامىقىنى تەييارلىغانىدى.

جى گوخۇا ئايالى بىلەن ئۈندىداردا سىنلىق كۆرۈشمەكتە

خەلق ساقچىسى جى گوخۇانىڭ ئايالىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغانىدى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى 3200 كىلومېتىر كېلەتتى. ئۇ پەقەت سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىقلا ئايالى بىلەن ئالاقىلىشەتتى. جى گوخۇانىڭ ئايالى سەنشى ئۆلكىسىدە ئىدى، توي قىلىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتمىغىنىغا 100 نەچچە كۈن بولغانىدى. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يېنىغا قايتقۇسى، ئايالى بىلەن بىللە يېڭى ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتۈۋالغۇسى بار ئىدى.

«سارس مەزگىلىدە، بىز ‹90-يىللاردا تۇغۇلغان›لارنى نۇرغۇن تېببىي خادىملار ناھايىتى ئوبدان قوغدىغانىدى. ھازىر بىز چوڭ بولدۇق، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كۆپچىلىكنى قوغدايمىز» دېدى جى گوخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

جاڭ لېي، ۋاڭ شياۋلېلار خەۋىرى

(شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى )

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى