تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شياۋتيەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، يېڭى مايسىلار بىخ چىقاردى.

خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

كەنت ئاھالىسى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشەلمىگەندە، تيەن تيەن (سولدا) كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، يېقىندا كەنت قۇرغان زاۋۇتقا قايتىپ ئىشلىيەلەيدىغان-ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

كەنت ئاھالىلىرى تەرتىپلىك ھالدا ئېتىزغا چىقىپ تېرىقچىلىق قىلدى.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ لېي خەۋىرى، فوتوسى): تىراكتور ئاۋازى، گۈرجەك ئاۋازى، ئۈچ چاقلىق ھارۋىنىڭ ئاۋازلىرى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش بولۇپ ئالدىراشلىق مىلودىيەسى ھاسىل قىلغانىدى، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ياربېشى كەنتىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىنى كۆرگەن شىنجاڭ داشۆ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىسى تيەن تيەن خۇشال بولدى.

نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەنتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. ياربېشى كەنتىدىكى خەلققە قولايلىق ئىش بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا تيەن تيەن تېلېفون قىلىپ: «ۋەي، ئايگۈل ئاچا، مەن دادۈيدىكى پىراكتىكانت شياۋتيەن، كەنت قۇرغان زاۋۇتتا پات يېقىندا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، سىز كېلىپ ئىشلىيەلەمسىز؟» دەپ سورىدى.

2019-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ داشۆنىڭ تىل پىراكتىكا ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تيەن تيەن ئۈچ ساۋاقدىشى بىلەن بىللە، ياربېشى كەنتىدە بىر يىللىق پىراكتىكا تۇرمۇشىنى باشلىدى.

يېقىندا يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، تيەن تيەن ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، كەنت ئاھالىلىرىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى يەتكۈزۈپ بەردى.

يېقىندا خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاقسۇ شەھىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 40 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، ئۇرۇق، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىمۇ ئاپتوموبىلدا كەنتكە توشۇپ كېلىندى. «خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى شياۋتيەن»مۇ ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ، كەنتتىكى تۈرلۈك دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە ياردەم بېرىپ، ماسلاشتۇرۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى ئېتىزلارغا يەتكۈزدى.

كەنتتىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا يېڭى مايسا بىخ چىقاردى. يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئېچىلغان چۆنەكلەردە ئۇرۇقلار تۇپراققا كۆمۈلدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلەندى، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئېيتىلىۋاتقان «رەھمەت» سۆزلىرى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

يېقىندا، تيەن تيەن كەنتتىكى نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسپى بويىچە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى. دەم ئېلىش ۋاقتىدا، تيەن تيەن يېرىم يىل كۆرۈشمىگەن ئاپىسىغا ئۈندىداردا ئۇچۇر ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: «ئاپا، بىزنىڭ كەنتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى، زاۋۇتمۇ تېزلا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ھەممە ئىش جايىدا، ھەممە ئىش ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، يۇقۇم ئاخىرلىشىپ، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، مەن ئۆيگە بېرىپ دادام ئىككىڭلارنى يوقلايمەن...».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى