خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ.
2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە - ئۈنۈمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىدىن جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇشنى تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشنى، چىشنى چىڭ چىشلەپ، داۋاملىق قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشنى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېيىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇم راۋاجىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى يېتىپ كەلمىدى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپ ساندىكى جايلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كېڭىيىپ كەتمەسلىكىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، بوشاڭلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر، جەزمەن «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە يۇرتىغا قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى ئارقىلىق، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىپ، بۇ مەيدان كۈرەشتە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش كېرەك.
نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىشتە، جەزمەن يۇقۇم ئېغىر ياكى خەۋپ - خەتەر بىرقەدەر زور رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەن يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، ۋۇخەن غەلىبە قىلسا، خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يەتتە تۈرلۈك تەلەپنى جەزمەن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشى، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىدە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن تېببىي خادىملار ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچى ئاجىز رايونلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور. بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھالقىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاپ، ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە خادىملارنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىر يەتكۈزۈش دائىرىسىنى قەتئىي كونترول قىلىش كېرەك.
نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، جەڭ نەتىجىسىنى كېڭەيتىشتە جەزمەن قىلچە بوشاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، ئۇلارغا بولغان قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەت بىلەن دەم ئالدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مائاش تەمىناتى، ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ياردەم پۇلى تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىدىن خالاس بولۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچنى ساقلاپ، سىجىل ساغلام ھالەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك. ئۇنىۋېرسال كۆپ پەن كۈچلىرى ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈنۈملۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش، كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈلگەن بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، داۋالاش تەرتىپى، يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەرتىپى، بازار تەرتىپى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىگەندىلا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. قانچىكى ئەڭ كۈچەيدىغان ۋاقىتتا، شۇنچە بىرلا غەيرەتكە كېلىدىغان ئىرادە بولۇشى، شۇنچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان كۈچلۈك ئىرادە بولۇشى كېرەك. تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە بىلەن سىجىل جەڭ قىلىپ، باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتساقلا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)