تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئاغرىقنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارغا يازغان رەھمەت خېتى

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاپالىق جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا:

  قەلبىمدىكى بارلىق سۆزلىرىمنى بىر ئېغىز سەمىمىي رەھمىتىمگە مۇجەسسەملەيمەن، سىلەرنىڭ كەسكىن ھۆكۈمىڭلار، ئۆتكۈر كۆزۈڭلارغا رەھمەت، قەتئىيلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىڭلارنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ 24 سائەت چىڭ تۇرغىنىڭلار ۋە ھەمراھ بولغىنىڭلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ سىردىشىپ كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت...

  تاماق ئەكىلىپ بېرىش، تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تازىلىق قىلىش، دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش، ئەھۋال سوراش... ھەتتا بىزگە ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقاردىڭلار، بارلىق دوختۇر ۋە سېسترالار ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئوخشاش بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە مەدەت بېرىپ، بىزگە ئىشەنچ بېغىشلاپ، ھەممە ئىشنىڭ ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، باھارنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتىڭلار.

  سىلەر ئەزەلدىن بىر ئاغرىقتىنمۇ ۋاز كېچىپ باقمىدىڭلار، جان كۆيدۈرۈپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، ئايرىش رايونىدىكى ھەربىر ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىڭلار. خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر چۈشەنمىدى، ماسلاشمىدى، ئەمما سىلەر ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدىڭلار، ۋىرۇسنىڭ ھەددىدىن ئاشىدىغان ھەرقانداق ئېھتىماللىقىغا يول قويمىدىڭلار.

  سىلەرنىڭ قارشى يۆنىلىشتە يۈرگەن سىيمايىڭلار خەلقنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى قوغدىماقتا؛ سىلەرنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزۈڭلار يۇرت-ماكانىمىزنىڭ تۇپرىقىنى قوغدىماقتا. سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن،  سىلەرگە رەھمەت! جاپا چەكتىڭلار!

  ۋىرۇس ئاخىرلىشىپ، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىرىنچى سەپتىكى ئۇزاق ۋاقىت ئۆيگە قايتالمىغان بارلىق جەڭچىلەرنىڭ بالدۇرراق ئۆيىگە قايتىپ جەم بولۇش تامىقى يېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جاپا چەكتىڭلار !

چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتقۇچى بىر ئاغرىقتىن

  2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ