تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا شەھىرى تەرەققىيات رايونىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %40كە يەتتى

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، كورلا تىيانشان شۆيۈ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر ئىشچىسى ئاپتوماتىك تور توقۇش ماشىنىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان كورلا تىيانشان شۆيۈ پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىلان بويىچە ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ شىركەت مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن ساپ پاختا تۇرمۇش بۇيۇملىرى كارخانىسى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %40كە يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ . خۇرە فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى