تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار»مۇ بوش كەلمىدى

2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى بىر-بىرىگە مەدەت بەرمەكتە.

2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بەردى.

2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، سۇ مىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، چاۋ جىن خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) گاۋشىن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مېيلىن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كاڭ ۋېن «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» بولۇپ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزەرىدە ھېلىھەم بىر بالا، ئەمما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە، ئۇ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەپ، ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، ئاغرىقلارنى يەتكۈزۈش، ئاھالىلەرگە ۋاكالىتەن كۆكتات، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغىچە بولغان ھەممە ئىشنى قىلدى.

  مېيلىن مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان»لار.

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، مەھەللە خىزمەتچىسى سۇ مىڭ ئىشخانىدىكى خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» ما چېنچېن، گو يۈچىڭلار بىلەن بىللە كۆكتات دۇكىنىغا باردى. «موما، بەسەي، سامساق...» ئۇ يان تېلېفونىغا قاراپ، ئاھالىلەرنىڭ زاكازلىرىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، كۆكتات سېۋىتىگە قاچىلىدى، ئۇ بىرەر نەرسىنى كەم سېتىۋېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.

  ئۆيى گەرچە شۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سۇ مىڭ ۋە گو يۈچىڭ ئۆيىگە قايتىپ باقمىدى، پەقەت ئاندا-ساندا پەستە تۇرۇپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئۆيدىكىلەرگە «مەن ناھايىتى ياخشى» دېدى.

  «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» مەھەللە كادىرلىرى «چاققان» بولۇپلا قالماي، يەنە كاللىسىمۇ ئوچۇق. ئاھالىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مال سېتىۋېلىش ئىككىلىك كودى ياساپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بەردى، ئاھالىلەر بەس-بەستە ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتتى.

  «بىز يەنە داۋاملىق تىرىشىپ، باھار كېلىپ گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىمىز» دېدى كاڭ ۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى