تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆيدە ئولتۇرغاندا، ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇڭ

    شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جىڭ بو خەۋىرى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم نۇرغۇن كىشىلەرگە ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردى، ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

  يۇقۇم كۆرۈلگەن مەزگىلدە، ئۆيدە ئولتۇرۇش، تاماق يېيىش، يېتىپ-قوپۇش، ئۇخلاش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان «ساغلام شىنجاڭ . تەنتەربىيە ئارقىلىق يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش» ئومۇمىي خەلق ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تور پائالىيىتى ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

    2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە توردا قانات يايدۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ئۈندىدار، QQ، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىق شەكىللەردە پائالىيەتنى ئاممىغا يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى پېڭ سۇجۈ مۇنداق دېدى: ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشتا ئادەمگە، ۋاقىتقا، ئورۇنغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى كېرەك. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ شارائىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلمىي چېنىقىشى كېرەك. ئۆيدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇق، تام، كارىۋات، ئارغامچا، پول قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قورساق قاتلىسا، يەر بېغىرلىسا، بىر قىسىم ئاددىي يوگا ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلىسە بولىدۇ، قانداق قولايلىق بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، پەقەت ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتسىلا كۇپايە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ