تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى: يېشىل يول ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللىدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ خەۋىرى): «بۇ تۈردە نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە قىس بولۇۋاتقان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش كېرەك، ئالدى بىلەن كارخانا دەرھال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسۇن، رەسمىيەتلەرنى كېيىن تولۇقلىسا بولىدۇ.» كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنىگە 1000 يۈرۈش تېببىي مۇداپىئە كىيىمى تىكىش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ماتېرىيالى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىگە سۇنۇلغاندا، بۇ ئىدارىنىڭ مەسئۇلى دەرھال جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال ئىش باشلاپ، ئاندىن تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ھەمدە كەسپىي خادىملارنى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش جىددىي مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى(ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلۇش)گە قارىتا ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، يېشىل يول ئېچىپ، تۈرلەرنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى تېزدىن ئىشقا كىرىشتۈردى ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھازىر بار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولغان، تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كەچۈرۈم قىلىندى؛ مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەر ھەمدە ھازىر بار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال بولغان، تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان مەلۇمات تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، «خەۋەرلەندۈرۈش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، ئاۋۋال ئىش باشلاش، ئاندىن رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جايلاردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى شۇ جاينىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، «توردا بېجىرىش» ۋە «كۆرۈشمەي» تەستىقلاشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇردى. مۇھىتتىكى سەزگۈر ئۇبيېكىتقا چېتىلمايدىغان، مۇھىتقا بولغان تەسىرى كىچىك، مۇھىت خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولغان مەلۇمات جەدۋىلى تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججەتلىرىدە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تەرتىپى بىكار قىلىندى؛ تېخنىكىلىق باھالاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاقە ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تور سىنلىق يىغىنى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تەكشۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلدى؛ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئورۇن، مۇھىت  تەسىرىنى باھالاش ئورنى بىلەن جەزمەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، تېلېفون، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما، تېز يوللانما قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خادىملارنىڭ ئۇچرىشىشى ئىمكانقەدەر ئازايتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى