تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): ۋۇخەنگە بارغىنىغا 20 نەچچە كۈن بولغاندا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كۆيۈك يارىسىنى داۋالاش، شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ياڭ شياۋ ئاخىرى ۋاقىت چىقىرىپ ئېرىگە سالام خەت يازدى. شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانا كېسەللەر رايونىدا نۇرغۇن ئېغىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياخشىلانغانلىقىنى كۆرگەن ياڭ شياۋ بۇ خۇشخەۋەرنى ئېرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدى. ئۇنىڭ ئېرى خەلق ساقچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇ خېتىدە: «بىز ئوخشاش بولمىغان جەڭ مەيدانىدا بولساقمۇ، نىشانىمىز ئوخشاش، بىز بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى!» دېگەنىدى.
(سىننى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)