تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈردى −

قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ليۇ يى

«جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن باش ئەگمەي، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە غەيرەتكە كەلگەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى سۈي يۇڭجيەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتىدۇ. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئەڭ كۈچەيدىغان ۋاقىتتا، باش شۇجىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش كېرەك دەپ تەكىتلىگەنلىكى بىزنىڭ ئىشەنچىمىز، جاسارىتىمىزگە زور دەرىجىدە ئىلھام بولدى.» سۈي يۇڭجيەن مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز».

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)دىكى بارلىق مۇخبىر، تەھرىرلەر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان چىن، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ يۈ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى سۆزىدە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىزلارنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى بەرپا قىلىمىز».

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭغا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى