شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
ئىقتىساد، جەمئىيەت ھەرىكەت ھالىتىدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان سىستېما، ئۇزاق ۋاقىت توختاپ قالسا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ھەم يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشاننى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور ۋەزىپە، بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناق.
2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە تەسىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇشىمىزنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىرقەدەر زور زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى. بولۇپمۇ بۇ ۋاقىتتا، مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىكىلىق، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشىلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى توغرا، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋاقتىدا بولدى، قوللانغان تەدبىرلىرى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. پەقەت بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەت غەيرىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى يەنىلا ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى يېتىپ كەلمىدى، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، دەپ قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي يېڭىپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونغا ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، كىشىلەر توپىنى ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ساھەگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىش كېرەك.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك سىياسىي كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، مېھرىبانلىقى، ئېھتىياتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدار بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پائال رول ئويناپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا كۆيۈنۈپ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە ھەر ۋاقىت بوشاشماسلىقى، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك.
جاپا - مۇشەققەت، ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، جاسارەتنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؛ قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەردە تاۋلانغاندىلا، ئاجايىپ گۈزەللىكنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى «ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە غەيرەتكە كەلگەن». بىز چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولساقلا، چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالايمىز.