تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

فۇكاڭ شەھىرىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى 20 نەچچە مىڭ يۈەنلىك ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ روشۇەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى دەنگې مۇزىكىلىق تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى مەردان ئابدۇللا فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۈەن بازىرى چېڭنەن كەنتىدىكى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىغا 800 دانە مېھىر-شەپقەت ماسكىسى، بىر يەشىك «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىئانە قىلدى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ھازىرغىچە، مەردان ئابدۇللا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى. بۇ ماددىي ئەشيالار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، بۆك، پەلەي، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەردان ئابدۇللا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەرنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فۇكاڭ شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، داچۈەن مەركىزىي كەنتى قاتارلىق ئورۇنلارغا 4900 دانە ماسكا، 1500 جۈپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پەلەي، 2800 دانە بىر قېتىملىق بۆك، 1400 جۈپ بىر قېتىملىق پەلەي، 350 قۇتا «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 28 جۈپ ئۆتۈك ئاپىرىپ بەردى، يەنە بىرقانچە ئورۇنغا 200 نەچچە نان ئاپىرىپ بەردى.

  فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭخې يېزىسى داچۈەن مەركىزىي كەنتىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مەردان ئابدۇللا كەنت ئاھالىلىرىگە كېرەكلىك بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسەن كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى ھەمدە ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى كەنتكە ئاپىرىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى